ئۆزبېكىستان قىرغىزىستان بىلەن بولغان قاراسۇ چېگرا ئېغىزىنى تاقىدى


2005.10.16

پەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەنجان ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن قىرغىزىستاندىن قاتتىق خاپا بولغان ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى قىرغىزىستان بىلەن چېگرىلىنىدىغان قاراسۇ شەھىرىدىكى چېگرا ئۆتكىلىنى تاقىۋەتكەن. نەتىجىدە قاراسۇ دەرياسىغا سېلىنغان كۆۋرۈكنىڭ ھەر ئىككى تەرىپىگە بىر قانچە مىڭ كىشى توپلىنىپ، تاشكەنتنىڭ بۇ قىلمىشىغا نارازى بولغان.

ئۆزبېكىستان تاقىۋەتكەن چېگرا ئېغىزى يەنى دەريا كۆۋرۈكىنى بۇ يىلقى ئەنجان ۋەقەسى جەريانىدا ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى بارلىق ئۆتكەللەرنى تاقاپ، چېگرىنى قامال قىلغاندا ئىككى دۆلەت پۇقرالىرى بىرلىشىپ، ئۆزلىكىدىن پۇل ۋە كۈچ چىقىرىپ، ئىككى كۈن ئىچىدىلا ياساپ چىققان ئىدى.

تاشكەنت دائىرىلىرى قىرغىزىستاندا تەۋەسىدىكى قارا سۇدا يۇقۇملۇق كۆيدۈرگۈ تارقالغان دېگەن ئۇچۇرنى باھانە قىلىپ، مەزكۇر چېگرا ئۆتكىلىنى تاقىغان. قارا سۇ دەرياسىنىڭ قىرغىزىستان قىسمىدا ئاتاقلىق قارا سۇ بازىرى بار بولۇپ، بۇ يەرگە ئۇيغۇر ئېلىدىنمۇ مال ئېلىپ كېلىنىدۇ. ئۆزبېكىستان سودىگەرلىرى ۋە پۇقرالىرى بۇ بازاردا سودا-سېتىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

ئۆزبېكىستاننىڭ بۇ قىلمىشى ھەر ئىككى تەرەپ پۇقرالىرى ئۈچۈن قولايسىزلىقلارنى ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.