تاجىكىستان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن بولغان چېگرا ئېغىزلىرىدا كونترول قىلىشنى كۈچەيتتى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۆتكەن ھەپتىدىن بېرى، ئارقا - ئارقىدىن قۇش زۇكام ۋىرۇسى بايقالغاندىن كېيىن، تاجىكىستان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن بولغان قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋا ئېغىزلىرىدا كونترولنى كۈچەيتىپ، قۇش زۇكام ۋىرۇسىدىن مۇداپىئەلىنىش تەدبىرلىرىنى ئالدى.

تاجىكىستان چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ شتاب باشلىقى نۇرئالىشو نازاروۋنىڭ تەكىتلىشىچە، تاجىكىستان بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئوتتۇرىسىدا ئېچىلغان مۇرغاپ قۇرۇقلۇق چېگرا ئېغىزى شۇنداقلا دۈشەنبە ۋە خوجەند ئايرودروملىرىدا خىتايدىن كەلگەن يولۇچىلارغا قارىتا تەكشۈرۈش كۈچەيتىلگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى بىلەن تاجىكىستان پايتەختى دۈشەنبە ئارىسىدا يولۇچىلار ئايرۇپىلانى قاتنايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە قەشقەر بىلەن مورغاپ ئوتتۇرىسىدا قۇرۇقلۇق چېگرا ئېغىزى ئېچىلغان.

يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بېرى ، خىتاينىڭ ئەرزان باھالىق ئۆي قۇشلىرىنى ئىمپورت قىلىش تاجىك سودىگەرلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم كىرىم مەنبەئەلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان ئىدى. (ئەركىن)