ئاتاقلىق قىرغىز يازغۇچىسى، قىرغىزىستاننىڭ ياۋروپا ئەللىرىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى چىڭگىز ئايتماتوف يېقىندا ئەزەربەيجان يازغۇچىلار جەمىيىتى تەرىپىدىن نوبېل ئەدەبىياتىنىڭ نامزاتلىقىغا تەۋسىيە قىلىنغان.
بۇ ھەقتە قىرغىزىستاننىڭ "ئاكپرەسس" ئاگېنتلىقىمۇ ئۇچۇر تارقاتقان بولۇپ، ئەزەربەيجان يازغۇچىلىرى ئايتماتوف بىلەن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ، چىڭگىز ئايتماتوفنىڭ تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئىچىدىن يېتىشىپ چىققان مەشھۇر يازغۇچى ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئۇنى نامزاتلىققا تەۋسىيە قىلىشنى قارار قىلغان.
"ئاق كېمە"، "گۈلسارە" قاتارلىق، 100 لىگەن تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان مەشھۇر ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورى چىڭگىز ئايتماتوف بۇ يىل 80 ياشقا تولغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىجادىيىتىگە دۇنيا ئەدەبىياتچىلىرى يۇقىرى باھا بەرگەن ئىدى.
چىڭگىز ئايتماتوفنىڭ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىقىغا تەۋسىيە قىلىنىشى ئۆزبېكىستان، قازاقىستان يازغۇچىلىرىنىڭمۇ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاتاقلىق ئۆزبېك يازغۇچىسى ئادىل ياقۇپوۋ "چىڭگىز ئايتماتوف بۇ مۇكاپاتقا لايىق يازغۇچى، لېكىن ئۇ ئىلگىرى نامزات بولغان، ئەمما ئۇنىڭغا بەرمىدى " دېگەن بولسا، ئۆزبېك شائىرى شۇكرۇللايېۋ ئۇنىڭ بۇ مۇكاپاتقا لايىق دۇنياۋى يازغۇچى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
قازاقىستان يازغۇچى ۋە زىيالىيلىرىمۇ ئوخشاشلا چىڭگىز ئايتماتوفنىڭ بۇ مۇكاپاتنى ئېلىشىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشكەن. نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ئۆتكەن يىلى تۈركىيە يازغۇچى ئورخان پامۇككا بېرىلگەن بولۇپ، ئۇ تۈرك دۇنياسىدا تۇنجى قېتىم نوبېل مۇكاپاتى ئالغان ئەرباپتۇر.
بۇ يىل ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر يەنە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتى بولغان. ئۇ، بىر قانچە يىل مەزكۇر مۇكاپاتقا نامزات بولغان ئىدى. ئەگەر رابىيە قادىر خانىم بۇ مۇكاپاتنى ئالسا تۈرك خەلقلىرى ئىچىدە تۇنجى قېتىم نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن كىشى بولىدۇ. قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى 2008-يىلىنى قىرغىزىستاندىكى چىڭگىز ئايتماتوف يىلى دەپ ئېلان قىلغان بولۇپ، چىڭگىز ئايتماتوف بۇنىڭدىن ئىلگىرى بىر قېتىم نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا نامزات بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئېرىشەلمىگەن ئىكەن. (ئۈمىدۋار)