قىرغىزىستان كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى "بايامان ۋەقەسى" بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋىتى بارلىقىنى رەت قىلدى


2005.11.18

قىرغىزىستان كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رامىزان دىرىلدايېۋ، قىرغىزىستان پارلامېنت ئەزاسى بايامان ئەركىنبايېۋنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسۋىتى بارلىقىنى رەت قىلىپ، " جىنايەتنى " ۋەقە بىلەن چېتىشلىقى بار، دەپ قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارغا ئارتىش ئۈچۈن ئۇرۇنماقتا" دېدى.

ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىۋاتقان دىرىلدايېۋ، بۇ سۆزلەرنى جۈمە كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنى زىيارەت قىلغاندا تەكىتلىدى.

رامىزان دىرىلدايېۋنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بايامان ئەركىنبايېۋ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن بېشكەكتىكى يەرلىك ئۇيغۇرلاردىن 80 دەك ئادەم قولغا ئېلىنغان. ئۇ، قولغا ئېلىنغان بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ دائىرىلەر تەرىپىدىن ئىقرارنامىغا قول قويۇشقا مەجبۇرلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

رامىزان دىرىلدايېۋنىڭ " باياماننى ئۆلتۈرگەن ئۇيغۇرلار ئەمەس، بۇ ۋەقەنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن ئالاقىسى يوق " دەيدۇ. بايامان ئەركىنبايېۋ، بۇ يىل 3 - ئايدا پارتلىغان ئاقايېۋنى ئاغدۇرۇش ئىنقىلابىدا مۇھىم رول ئوينىغان شەخسلەرنىڭ بىرى ئىدى.

بايامان ئەركىنبايېۋ بىر قانچە ھەپتە ئىلگىرى بېشكەكتە نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ ئۇكىسى يېقىندا ئۆزىگە ئوت قويۇپ، قىرغىز دائىرىلىرىنىڭ ۋەقەنى تەكشۈرۈشتىن باش تارتقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.

دىرىلدايېۋ قىرغىزىستان ئەمەلدارى تاشتۆمۈر ئايتبايېۋنى ، بېيجىڭغا بارغاندا خىتايلارنىڭ نارېنقولدا ئۆلتۈرۈلگەن 20 دەك ئۇيغۇر سودىگەر شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى، دېگەن تەتۈر تەشۋىقاتىغا ماسلىشىپ بېرىش بىلەن ئەيىبلىدى.

دىرىلدايېۋ قىرغىزىستان دائىرىلىرىنى تەنقىد قىلىش بىلەن بىرگە، قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى مىللىي ۋە جامائەت مەنپئەتىنى قوغداشتا " پاسسىپ"، دەپ ئەيىبلىدى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇيغۇرلار سىياسىي جەھەتتە ئاكتىپ بولمىغىچە ، ئۇلارنىڭ مەنپەئەتى دەپسەندىگە ئۇچراشتىن ساقلانغىلى بولمايدىكەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.