ئافغانىستاندىكى گېنرال ئابدىرشىت دوستۇمنىڭ سايلام نەتىجىسىنى قوبۇل قىلىش سەۋەپلىرى ھەققىدە ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت
2004.10.13
شەنبە كۈنى ئافغانىستانغا ئۆتكۈزۈلگەن پرېزىدېنت سايلىمى جەريانىدا يۈز بەرگەن بەزى نۇقسان ۋە ئۇسۇلسىزلىقلار تۈپەيلىدىن سايلامنى قانۇنسىز دەپ، سايلام نەتىجىسىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان 15 پرېزىدېنت نامزاتىنىڭ بىرى بولغان ئۆزبېك گېنېرالى ئابدىرېشىت دوستۇم بۈگۈن پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتىپ، سايلام نەتىجىسىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
گېنېرال دوستۇمنىڭ ئافغانىستانغا ئۆتكۈزۈلگەن پرېزىدېنت سايلىمى ھەققىدىكى پوزىتسىيىسىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى مەلۇم ئەمەس، بىر قىسىم ئانالىزچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئافغانىستان خەلقىنىڭ شەنبە كۈنىدىكى پرېزىدېنت سايلىمىنى قاتتىق قوللاپ قۇۋەتلىشى، سايلامدىن نارازى بولغان 15 پىرىزدېنت نامزاتىنىڭ سايلامغا بولغان قارىشىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر قىلغان، يەنە بەزى خەۋەرلەرگە قارغاندا گېنرال دوستۇم تۆنۈگۈن ئامېرىكىنىڭ كابۇلدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى زۇلمەي خەلىمزات بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن كېيىن پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتكەن ئىكەن.
بۇ ھەقتە تېخىمۇ ئېنىق مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، ئىستانسىمىزنىڭ ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى ئۆمەر قانات، ئافغانىستان مىللىي ئىسلام ھەركىتىنىڭ رەئىسى گېنرال ئابدىرشىت دوستۇمنىڭ سىياسىي مەسلەھەتچىسى ۋە باياناتچىسى پەيزۇللاھ ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئافغانىستاندىكى ئۆزبېكلەر ھەققىدە
- بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئافغانىستاندىكى سايلام يېتەرسىزلىكلىرىنى تەكشۈرمەكتە
- ئافغانىستاندىكى سايلام ئاخىرلاشتى
- ئافغانىستاندىكى سايلام تىنچلىق بىلەن ئاخىرلاشتى
- ئافغانىستان سايلىمى ئۆكتىچى نامزاتلارنىڭ بايقۇت قىلىشىغا ئۇچرىدى
- ئافغانىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆھبەت
- سايلام ھارپىسىدىكى كابۇل قاتارلىق شەھەرلەر راكىتا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
- ئافغانىستاندىكى سايلام ئەھۋالىدىن يېڭىلىقلار
- ئافغانىستاننىڭ نۆۋەتتىكى سايلام ۋەزىيىتى
- ئافغانىستانغا سايلام تەييارلىقلىرى جىددى ئېلىپ بېرىلماقتا