قىرغىزىستان 120 دۆلەتنىڭ قاتنىشىشى بىلەن خەلقئارالىق گۈزەللىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزمەكچى

قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ قارمىقىدىكى دۆلەتلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قىرغىزىستان 2008-يىلى 5-6-ئايلاردا 120 دۆلەتنىڭ گۈزەللىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ، " 2008-يىللىق دۇنيا ساياھەت گۈزىلى" بىلەن " 2008-يىللىق دۇنيا خانىشى" دەپ ئاتىلىدىغان گۈزەللىك سالاھىيىتىنى تالىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزمەكچى.

قىرغىزىستان دۆلەتلىك ئۇچۇر ئاگېنتلىقى "قابار"نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ مۇسابىقىنىڭ قىرغىزىستاندا ئۆتكۈزۈلۈش كېلىشىمى 24-ئاۋغۇست كۈنى قىرغىزىستان دۆلەتلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ دىرېكتورى تۇرۇسبەك ماماشوۋ بىلەن " دۇنيا ساياھەت گۈزىلى" نى بېكىتىش ئورگىنىنىڭ پرېزىدېنتى جون سىڭىخ تەرىپىدىن ئىمزالانغان.

"قابار" ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، "2008-يىللىق دۇنيا ساياھەت گۈزىلى" مۇسابىقىسىغا قاتنىشىدىغان ماھىرلارنى تاللاش پائالىيەتلىرى قىرغىزىستاننىڭ ھەممە جايلىرىدا ئېلىپ بېرىلىدىكەن، بۇنىڭغا ھەر قايسى ئوبلاستلار ماسلىشىدىكەن.

" 2008-يىللىق دۇنيا خانىشى" مۇسابىقىسى ئىسسىق كۆل بويىدا ئۆتكۈزىلىدىكەن. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب ئىسسىق كۆلنى خەلقئارالىق ساياھەت نۇقتىسىغا ئايلاندۇرۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كۆپلەپ ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىش مەقسەت قىلىنغان.

"دۇنيا ساياھەت گۈزىلى" ئورگىنىنىڭ باش شتابى لوندونغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ مۇسابىقە ئىلگىرى تەيۋەن، تانزانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئېلىپ بېرىلغان ئىكەن. ئەگەر پىلان ئەمەلگە ئاشسا، قىرغىزىستان بۇ خىل مۇسابىقە ئۆتكۈزىدىغان تۇنجى مەركىزىي ئاسىيا دۆلىتى بولۇپ قالىدىكەن.

قىرغىزىستاننىڭ گۈزەل مەنزىرىسى، بولۇپمۇ ئىسسىق كۆلدىن پايدىلىنىپ، ساياھەت ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي مەنبەلىرىنى ھەل قىلىش بىشكەك دائىرىلىرىنىڭ مۇستەقىللىقتىن كېيىنكى پىلانى بولۇپ، سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى دەۋرىدە ئىسسىق كۆل سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ مۇھىم ساياھەت ھەم دەم ئالىدىغان نۇقتىسى بولغان بولسىمۇ، لېكىن كېيىنكى ۋاقىتلاردا ساياھەتچىلەر ئازلاپ كەتكەن ئىكەن. ( ئۈمىدۋار)