قىرغىزىستاننىڭ " قابار" ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، قىرغىزىستاننىڭ ئامېرىكا ۋە كاناداغا مەسۇل باش ئەلچىسى ئابدىرىسايېۋ ئەسقەر ئاقايېف ھۆكۈمىتى يوقىتىلغاندىن كېيىن، يېڭىدىن چىققان ھۆكۈمەتنىڭ ئۇنى قايتۇرۇپ كېلىش چاقىرىقىغا قوشۇلماي ئامېرىكىدا قالغان.
1996-يىلىدىن ئېتىبارەن ئامېرىكا ۋە كانادا ئىشلىرىغا مەسۇل باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى ئاقتۇرغان ئابدىرىسايېۋ ئەسقەر ئاقايېف تەرەپدارى بولۇش سۈپىتى بىلەن دېموكراتىك ئىنقىلابنى قوللىمىغان ئىدى. دەسلەپتە ئۇنىڭ ئامېرىكىدىن سىياسىي پاناھلىق تىلىگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر تارقالغان بولسىمۇ، ئەمما يېقىندا ئۇ مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ ۋاقىتلىق خىزمەت ۋىزىسى بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۇتا شىتاتىدىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتقا ئىشقا ئورۇنلاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا " ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرق مەسىلىلىرى بويىچە " دەرس ئۆتىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
بۇ يىل مارت ئايلىرىدىكى ئىنقىلابتىن كېيىن يېڭى ھۆكۈمەت ئەسقەر ئاقايېف دەۋرىدە ھاكىمىيەت تۇتقان شۇنىڭدەك ھەر قايسى مەملىكەتلەرگە ئەلچىلىككە ئەۋەتىلگەن كىشىلەرنى ئاساسىي جەھەتتىن سالاھىيتىدىن قالدۇرىۋەتكەن. ئامېرىكىدىكى ئەلچىلىك ۋەزىپىسىگە ئۆكتىچى ژۇرنالىستلاردىن زامىرا سىدىقوۋا تەيىنلەنگەن بولۇپ، زامىرا سىدىقوۋا ئۆزىنىڭ "جۇمھۇرىيەت " ناملىق گېزىتىدە ئۇيغۇرلارغا ئائىت كۆپلىگەن ماقالىلارنى ئېلان قىلغان ئىدى. (ئۈمىدۋار)