رۇسىيىنىڭ "خەۋەرلەر" ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى 13-مايدىكى ئەنجان ۋەقەسىنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مەخسۇس ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەپ، دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلىدا كۆرسەتكەن.
ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيەتلىك باش تەپتىش ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات ئىشلىرىغا مەسۇل ئەمەلدارى بۇ فىلىمنىڭ باندىتلاردىن قولغا چۈشۈرۈلگەن سىنالغۇ لېنتىلىرى ۋە ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك باشقا تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرى ئاساسىدا ئىشلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەييارلانغان مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىمدە ئەنجان ۋەقەسىنىڭ پۈتۈنلەي تېررورچىلار تەرىپىدىن كەلتۈرۈپ چىقىرىلغانلىقى بايان قىلىنغان بولۇپ، تېررورچىلارنىڭ تۈرمىگە ۋە ھۆكۈمەت بىناسىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى ئىگىلىۋالغانلىقى، قورال –ياراقلارنى بۇلىغانلىقى شۇنىڭدەك 70 ئادەمنى گۆرەگە ئېلىۋالغانلىقى كۆرسىتىلىپ ۋەقە جەريانىدا 187 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى، ئومۇمىي چىقىمنىڭ 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەنلىكى ئېيتىلغان.
بىراق، ئەنجان ۋەقەسىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار بۇنىڭدىن پەرقلىق بولۇپ، تاشكەنتنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئىشەنمىگەن ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاق ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرى ۋەقەنىڭ ھەقىقى ئەھۋالى ھەققىدە مۇستەقىل خەلقارالىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى ئىزچىل تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئىسلام كېرىموف ئۇنى رەت قىلماقتا. (ئۈمىدۋار)