ئۆزبېكىستان ئەنجان ۋەقەسىدە قىرغىزىستاننىڭ قولى بار، دەپ ئەيىپلىدى

ئۆزبېكىستان دۆلەت ئاخبارات ئاگېنتلىقى دۈشەنبە كۈنى خەۋەر ئېلان قىلىپ، بۇ يىل 13 مايدا ئەنجاندا يۈز بەرگەن ئىسيانغا قىرغىزلارنىڭ قول تىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆزبېكىستان ئاخبارات ئاگېنتلىقى دائىرىلەر ئېلىپ بارغان دەسلەپكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، سانى 60 قا يېتىدىغان قوراللىق قىرغىزلار قىرغىزىستاندىكى قىشلاقلاردا قۇرۇلغان لاگىرلاردا تەلىم - تەربىيە ئالغاندىن كېيىن، ئەنجانغا يوشۇرۇنچە كىرىپ، دىنىي ئەسەبىيلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرگەن، دەپ يازغان.

قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى سەيشەنبە كۈنى ئۆزبېكىستان دائىرىلىرىدىن ئۇلارنىڭ بۇ كۆز قارىشىنى ئىسپاتلايدىغان ماددى پاكىتلار بولسا ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلدى. قىرغىزىستان دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى ۋياچىسلاۋ خان، "قىرغىزىستاندا تېررورلۇق لاگىرلار يوق، بۇنى ئىسپاتلايدىغان پاكىتمۇ يوق،" دېدى.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئەنجان ۋەقەسىنىڭ سىياسى بېسىم ۋە نامراتلىقتىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئەمما پرېزىدېنت كېرىموف، ۋەقەنى دىنىي ئەسەبىيلەر چەتئەلدە تۇرۇپ ئۆزبېكىستاندا ئىسلامىي دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن پىلانلىغان ھەرىكەت، دەپ كۆرسەتمەكتە.

ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ۋەقەدىن كېيىن ئۆزبېكىستاننىڭ ۋەقە ئۈستىدىن خەلقئارا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشكە يول قويۇشىنى تەلەپ قىلىپ، كېرىموف ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىنى تەنقىدلىگەن ئىدى. (ئەركىن)