ئۆزبېكىستان ئەنجان ۋەقەسىنىڭ تۇتقۇنلىرىنى سوتلاشقا باشلىدى


2005.09.20

ئەنجان ۋەقەسىنى ئۇيۇشتۇرۇش قوراللىق ئىسيان كۆتۈرۈش بىلەن ئەيىبلەنگەن تۈركۈمدىكى 15 كىشى دەسلەپكى تۈركۈمدە سەيشەنبە كۈنى ئۆزبېكىستان تەپتىش دائىرىلىرى تەرىپىدىن رەسمى سوت مەھكىمىسىگە چىقىرىلدى.

ئۆزبېكىستان دائىرىلىرى تۇتقۇنلارنى ئىسلامى تېررورچىلار، دەپ ئەيىبلىگەن، ئەمما كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى كېرىموف ھۆكۈمىتىنىڭ تۇتقۇنلارغا ئارتقان جىنايەتلەرنىڭ ئىشەنچلىكلىكى گۇمانلىق، دەپ قارىماقتا، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنى پۇقرالارنى يالغان گۇۋاھلىق بېرىشكە مەجبۇرلاش بىلەن تەنقىدلىمەكتە.

ئۆزبېكىستان ئالى تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش تەپتىشى ئەنۋەر نەبىيېۋ، سوت مەھكىمىسىدىكى ئەيىبنامىسىدا " ئۇلارنىڭ مەقسىدى چەتئەل كۈچلىرىنىڭ قوللىشى ئاستىدا ۋەزىيەتنى قالايمىقانلاشتۇرۇش، ئاخىرى ئۇلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان قورچاق دۆلەت قۇرۇش،" دەيدۇ.

مەركىزى نيۇ - يوركتىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزۈتۈش تەشكىلاتى، ئۆزبېكىستان دۆلەت بىخەتەرلىك دائىرىلىرىنىڭ ئەنجاندىكى يەرلىك پۇقرالارنى يالغان گۇۋاھلىق بېرىشكە مەجبۇرلىماقتا، دەپ ئەيىپلىدى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزۈتۈش تەشكىلاتىنىڭ ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلىرى دېرىكتورى خوللىي كارتنېر، " ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغانلارنى سۈرۈشتۈرۈش ئورنى، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى رەت قىلىپ، گۇۋاھچىلارنى جىمىقتۇرماقتا،" دېدى.

ئۆزبېكىستان ئالى تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش تەپتىشى ئەنۋەر نەبىيېۋ، ئەنجان ۋەقەسى ھىزبۇل تەقرىر ۋە ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.