ئەنجان ۋەقەسىدىكى گۇماندارلار قىيىن - قىستاققا ئېلىنغان شارائىتتا جىنايىتىنى ئىقرار قىلغان بولۇشى مۇمكىن

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئۆزبېكىستاننىڭ ئەنجان شەھىرىدە بۇ يىل مايدا يۈز بەرگەن ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش سەۋەبىدىن سوتقا تارتىلغان 15 گۇماندارنىڭ قاتتىق قىيىن- قىستاققا ئېلىنغان شارائىتتا "جىنايىتى" نى ئىقرار قىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ قېتىمقى كېرىموف ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىش قانلىق پاجىئەگە ئايلىنىپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. پەيشەنبە كۈنى جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ ئاقلىغۇچىلىرى، تاشكەنت ئالىي سوتىدىن ئۇلارغا يېنىكرەك جازا بېرىشنى سورىدى. بۇنىڭ ئالدىدا قارىلىغۇچىلار، ئالىي سوتتىن بۇ جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ بەشىغا 20 يىللىق، قالغانلىرىغا 15 تىن 19 يىلغىچە قاماق جازاسى بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

ئەنجان ۋەقەسىگە چېتىشلىق دەپ سوتلىنىۋاتقان 15 جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ ھەممىسى "جىنايىتى" نى ئېتىراپ قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىسلام رادىكاللىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقى ۋە بۇ قېتىمقى ۋەقەنى پىلانلىغانلىقىنى ئىقرار قىلغان.

ئەمما ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى باياناتىدا، سوتنىڭ گۇماندارلارنىڭ ئىقرارنامىسىدىن باشقا پاكىت كۆرسىتەلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى. تەكشۈرگۈچى خادىملارنىڭ ئېيتىشىچە، گۇماندارلارنى ھەتتا ھۆكۈمەتتىن مۇستەقىل ئادۋوكاتلار سوراق قىلمىغان. بۇنداق شارائىتتا گۇماندارلارنىڭ قاتتىق قىيىن- قىستاققا ئېلىنىپ، مەجبۇرى ئىقرار قىلىندۇرۇلغانلىق ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن.

ۋەقەنىڭ شاھىتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، ئۆزبېكىستان ئامانلىق قىسىملىرىنى بۇ يىل 5 - ئايدا ئەنجاندىكى نامايىشچى خەلققە قارىتىپ ئوق چىقىرىپ، 750 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغنالىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئەمما ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى بۇنى ئىنكار قىلىپ، زوراۋانلىقنى توپىلاڭ چىقارغان دىنىي رادىكاللار سادىر قىلدى دەپ كۆرسەتمەكتە. (ئارزۇ)