ئۆزبېكىستاندا يەنە 25 ئادەم ئەنجان ۋەقەسىگە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن جازالاندى، بۇ ھەقتە ئۆزبېكىستان ئالىي سوت مەھكىمىسى خەۋەر تارقاتقان بولۇپ، رۇسىيىنىڭ خەۋەرلەر ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، تاشكەنت ئوبلاستلىق ۋە شەھەرلىك سوت مەھكىمىلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 25 ئادەم ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىپ، ئۇلارغا تېررورلۇق ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىش ھەم ئادەم ئۆلتۈرۈش قاتارلىق جىنايەتلەرنى ئارتقان.
مەزكۇر 25 ئادەمنىڭ 13 تاشكەنت ئوبلاستلىق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن سوتلىنىپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا 12 يىلدىن 20 يىللىققا، يەنە باشقا 12 نەپەر ئەيىبلەنگۈچى تاشكەنت شەھەرلىك سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئوخشاشلا 12 يىلدىن 20 يىلىغىچە بولغان تۈرمە جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.
ئۆزبېكىستان ئالىي سوت مەھكىمىسى 14-نويابىر كۈنى 15 ئادەمگە ئۇزۇن يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغان ئىدى.
خەۋەرلەر ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، سوت مەھكىمىرلىرى يەنە 30 نەچچە ئادەمنىڭ دېلوسىنى قاراپ چىقىۋاتقان بولۇپ، بەلكى پات يېقىندا ھۆكۈم ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.
13-مايدىكى ئەنجان ۋەقەسىدىن كېيىن ئىسلام كەرىموپ ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ۋە خەلقئارا جەمىيەتنىڭ تەنقىدىگە قارىماي، ۋەقەنى كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ قاراپ قولغا ئېلىنغان ئادەملەر ئۈستىدىن يېپىق سوت ئاچقان بولۇپ، ئۆزبېكىستان دېموكراتلىرى بۇ ئادەملەرنىڭ قاتتىق بېسىملار ئاستىدا ئۆزلىرى ئۈستىدىن تۇرغۇزۇلغان جىنايەتلەرنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. (ئۈمىدۋار)