ئۆزبېكىستان ئەنجان ۋەقەسىنى ئاشكارىلىغان قانۇن قوغدىغۇچىسىغا قاماق جازاسى ئېلان قىلدى
-
2006-01-15 -
-
-
ئۆزبېكىستان ئەدلىيە دائىرىلىرى ئۆتكەن يىلى 13-مايدىكى ئەنجان ۋەقەسىنىڭ ماھىيىتى ۋە ساقچى ھەم ھەربىي قوشۇنلىرىنىڭ قىلمىشلىرى ھەققىدە خەلقئارا مەتبۇئاتلارغا ئۇچۇر بەرگەن ئۆزبېكىستان قانۇن ھىمايىچىسى سەيىتجان زاينابىتدىنوپ ئۈستىدىن يېپىق سوت ئېچىپ، ئۇنىڭغا يەتتە يىللىق تۈرمە جازاسى بەردى.
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى perfghane.ru ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، سەيىتجان زاينابىتدىنوپ بۇنىڭدىن بىر قانچە مەزگىل ئىلگىرى قولغا ئېلىنغان . ئۇ، 2005-يىلى 13-مايدا ئەنجان ۋەقەسى يۈز بەرگەندە ئۆزبېكىستان دائىرىلىرىنىڭ ئاخباراتنى قامال قىلىشىغا قارىماي، رۇسىيە ۋە غەرب ژۇرنالىستلىرىنىڭ زىيارەتلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئەنجاندا بولغان ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەن. ئۇ، ئەنجاندا 500 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى، ھۆكۈمەت ئارمىيىسى ۋە ساقچىلارنىڭ تىنچ پۇقرالارغا ئوق چىقارغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. ئەمما، ئىسلام كەرىموپ بۇ ۋەقەنى تېررورچىلارنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، پەقەت 170 ئەتراپىدا ئادەم ئۆلگەنلىكىنى بېكىتكەن ھەمدە ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ۋەقە ھەققىدە خەلقئارالىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش تەكلىپىنى رەت قىلغان.(ئۈمىدۋار)