ئۆزبېكىستان ئەنجان ۋەقەسىدىكى " تېررورچىلار" 20 - سېنتەبىردىن باشلاپ سوتلايدۇ
2005.09.06
ئۆزبېكىستان دائىرىلىرىنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى ئەنجان ۋەقەسى ئۈستىدىن خەلقئارا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى رەت قىلغاندىن كېيىن، دائىرىلەر 20 - سېنتەبىردىن باشلاپ ئەنجان ۋەقەسىنى قوزغىدى، دەپ ئەيىبلەنگەن تۇنجى تۈركۈمدىكى 100 دىن ئارتۇق تۇتقۇننى رەسمى سوتلايدىكەن.
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى 13 - مايدا يۈز بەرگەن ۋەقەدە 500 دىن 800 گىچە پۇقرانىڭ ئۆزبېك ئامانلىق كۈچلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. ئەمما دائىرىلەر ۋەقەدە 187 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇنىڭ 94 نەپىرى تېررورچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن، دەپ ئېلان قىلدى.
رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆزبېكىستان ئالى تەپتىش مەھكىمىسى ۋەقەدىكى ئەڭ ئاكتىپ شەخسلەر، دەپ قارالغان 15 كىشى ئۈستىدىن ئەيىپنامە ھازىرلاپ سوت مەھكىمىسىگە تاپشۇرغان.
ئۆزبېكىستان ئالى تەپتىش مەھكىمىسى باياناتچىسىنىڭ تەكىتلىشىچە، قالغان 106 نەپەر تۇتقۇننىڭ دىلوسى ئاخىرلىشىپ قالغان. تەپتىش دائىرىلىرى سوتنىڭ ئوچۇق - ئاشكارە ئۆتكۈزىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۆزبېكىستان دائىرىلىرى شاڭخەي گۇرۇھىدىكى خىتاي، رۇسىيە، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن رايوندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلغان ئىدى. غەرب ئەللىرى ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى تەرەپسىز خەلقئارا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى رەت قىلغاندىن كېيىن، شاڭخەي گۇرۇھىدىكى دۆلەتلەر ھازىرلىغان ۋەقە توغرىسىدىكى ماتىرياللارنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان.
ئەنجاندىكى ۋەقەدىن كېيىن ئۆزبېكىستان ئامېرىكىدىن خانئاباد ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىكى ئامېرىكا قوشۇنلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلدى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۆزبېكىستان ئەنجان ۋەقەسىدە قىرغىزىستاننىڭ قولى بار، دەپ ئەيىپلىدى
- ئۆزبېكىستاندا ئازادلىق رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى 6 ئاي قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى
- ئوتتۇرا ئاسىيا دېموكراتلىرى بىرلەشتى
- قىرغىزىستان دائىرىلىرى، قىرغىزىستاندىكى ئۆزبېك مۇساپىرلىرىنى ياۋرۇپا دۆلەتلىرىگە ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
- قىرغىزىستان ئۆزبېك مۇساپىرلارنى 10 كۈن ئىچىدە 3 - بىر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى