قازاقىستان: جۇڭگو ئىلى ۋە ئېرتىش دەريالىرىنىڭ سۈيىنى ئىسراپ قىلماقتا

قازاقىستانلىق مۇھىت قوغدىغۇچىلار خىتاينى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن ئېقىپ ئۆتۈدىغان ۋە قازاقىستاننىڭ بالقاش، زايسان كۆللىرىگە قۇيۇلىدىغان ئىلى، ئېرتىش دەرياسىنىڭ سۈيىنى قالايمىقان ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن قازاقىستاننىڭ مۇھىت ۋە سۇ بىخەتەرلىكى تەھدىتكە ئۇچرىماقتا، دەپ ئەيىبلىدى.

قازاقىستان تەبىئەت ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى مېلس ئىليۇسىزوۋنىڭ ئەسكەرتىشىچە، جۇڭگونىڭ ئىلى ۋە ئېرتىش دەرياسىنىڭ سۈيىنى پىلانسىز ئېچىشى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىكەن ئۇ، " خىتاي ئىلى دەرياسىنىڭ سۈيىنى نورمىدىن كۆپ ئىشلەتكەنلىكتىن بالقاش كۆلى ئارال كۆلىگە ئوخشاش ئاقىۋەتكە دۇچ كېلىشى مۇمكىن" دەيدۇ.

قازاقىستان پارلامېنتى مۇھىت ۋە ئېكولوگىيە كومىتېتىدىكى مىرزاگەلدى كېمېل، قازاقىستان دائىرىلىرىنى بۇ مەسىلىگە سەل قارىماقتا، دەپ تەنقىدلىدى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئەگەر ئىلى دەرياسىنىڭ سۈيى كېمىيىپ كەتسە، بۇ بالقاش كۆلى ۋە ئىلى دەرياسى ھاۋزىسىدا ياشايدىغان خەلقلەر ئېغىر ئەھۋالدا قالىدىكەن. مېلس ئىليۇسىزوۋ، ئىلى ۋە ئېرتىش دەريا سۇلىرىنىڭ ئازلاپ كېتىش سەۋەبىنى كۆچمەنلەر نوپۇسى، سۇ - ئىنشائات ۋە خىتاينىڭ رايوندا نېفىت ئېچىشنى كېڭەيتكەنلىكىگە باغلىغان. ئۇ، بۇنىڭ ئالدى ئېلىنمىسا " بۇ ۋەزىيەت ئېكولوگىيىلىك كۆچمەنلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن" دەيدۇ.

لېكىن قازاقىستاننىڭ خىتايدا تۇرۈشلۇق سابىق باش ئەلچىسى مۇرات ئەۋىزوۋ، ئىلى ۋە ئېرتىش مەسىلىسى خىتايدىن ئىبارەت چوڭ بىر دۆلەتكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلە بولغانلىقتىن، ئاسان ھەل قىلغىلى بولىدىغان مەسىلە ئەمەس، دەپ قارىماقتا. خىتاي ھازىرغىچە ب د ت نىڭ چېگرا ھالقىغان دەريا - ئېقىنلار ۋە خەلقئارا كۆللەرنى قوغداش ئەھدىنامىسىغا ئىمزا قويمىغان. (ئەركىن)