قىرغىزىستاننىڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى، ئەگەر ئەسقەر ئاقايېف قىرغىزىستانغا قايتىپ كېلىپ خىزمىتىدىن ئىستىپا بەرسە، ئۇنىڭ قىرغىزىستاندىكى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۆكتىچىلەرنىڭ رەھبىرى ھەمدە نۆۋەتتە قىرغىزىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان فېلىكس قۇلۇف چارشەنبە كۈنى، ئەسقەر ئاقايېف قىرغىزىستانغا قايتىپ كەلسە، قىرغىزىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى، ئۇنىڭ شەخسىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپلا قالماستىن، ئۇنىڭ مۈلۈكلىرىنىمۇ قوغدايدىغانلىقىنى شۇنداقلا ئۇنىڭ ئەركىن پائالىيەت قىلىشىغىمۇ كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
قىرغىزىستاننىڭ سابىق پرېزىدېنتى ئەسقەر ئاقايېف سەيشەنبە كۈنى رۇسىيە تېلېۋىزىيىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئەگەر ئۇنىڭ بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە قىلىنسا، ئىستىپا بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما ئۇ يەنە، ئۆزىنىڭ ھازىر يەنىلا قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئۈچۈن ئەسقەر ئاقايېفنىڭ ئىستىپا بېرىشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، بۇ، دۆلەت سىياسىتىنىڭ قانۇنلۇق يولدا ئېلىپ بېرىلىشىغا پايدىلىق.
ئۆتكەن ھەپتە قىرغىزىستاندىكى ئۆكتىچىلەر چوڭ كۆلەمدە نامايىش ئۆتكۈزۈپ، پرېزىدېنت سارىيىنى قامال قىلغاندىن كېيىن، پرېزىدېنت ئەسقەر ئاقايېف قىرغىزىستاندىن قېچىپ كەتكەن ئىدى. بۇنىڭدىن سىرت يەنە، نۆۋەتتە پرېزىدېنت سارىيىدىكى نۇرغۇن ھۆججەتلەرنىڭمۇ يوقاپ كەتكەنلىكى مەلۇم بولماقتا. (پەرىدە)