ئۆزبېكىستان قىرغىزلار بىلەن بولغان سىياسى ئىختىلاپلار سەۋەبىدىن قىرغىزىستاننى گاز بىلەن تەمىنلەشنى توختاتقاندىن كېيىن، قازاقىستان قىرغىزىستاننى تەبىي گاز بىلەن تەمىنلەشكە قوشۇلغان.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا قازاقىستان دۆلەتلىك تەبىئىي گاز شىركىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ يىلدىن باشلاپ قىرغىزىستاننى گاز بىلەن تەمىنلەشنى قازاقترانزىگاز شىركىتى ئۈستىگە ئالىدىكەن."
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ ئەھۋال رايوندىكى ئىقتىسادىكى ئەڭ تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت - قازاقىستاننىڭ قىرغىزىستاندىكى تەسىرىنى كۈچەيتىشى مۇمكىن. ئەمما بۇ سودا قىرغىزلارنىڭ قازاقىستاندىن قىرغىزىستانغا بارىدىغان گاز تۇرۇبىسىنى ياساشقا كەتكەن 18 مىليون دوللار قەرزىنى تۆلەپ بولۇشىغا باغلىقكەن.
يېقىندا بېشكەك ھۆكۈمىتى ئەنجان ۋەقەسىدىن سەۋەبلىك قىرغىزىستانغا قېچىپ بارغان ئۆزبېك مۇساپىرلارنىڭ 3 - بىر دۆلەتكە كېتىشىگە رۇخسەت قىلغاندىن كېيىن، ئۆزبېكىستان دائىرىلىرى بېشكەك ھۆكۈمىتى بىلەن تەبىئىي گاز سۆھبىتى ئېلىپ بېرىشنى توختىتىپ قويغان. قىرغىزىستانغا قېچىپ بارغان مۇساپىرلارنىڭ كۆپ قىسىمى غەرب دۆلەتلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. (ئەركىن)