قازاقلار ژىرىنوۋسكىينىڭ سۆزلىرىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

0:00 / 0:00

رۇسىيە پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋىلادىمىر ژىرنوۋسكىينى "موسكۋا ئاۋازى" رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئىنسانىيەت تارىخىدا "قازاقىستان" دېگەن دۆلەت بولمىغان، قازاق تىلى ۋە يېزىقى مەۋجۇت ئەمەس دېگەن.

ئۇنىڭ سۆزى قازاقىستاندىكى مەتبۇئاتلاردا غۇل – غۇلا پەيدا قىلغان. 26-يانۋار كۈنى قازاقىستاندىكى ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ رەئىسى باشچىلىقىدىكى بىرنەچچە كىشى ئالماتادىكى رۇسىيە ئەلچىخانىسىنىگ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ۋىلادىمىر ژىرىنوۋسكىينىڭ قازاق خەلقىنى ھاقارەتلىگىنىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن.