ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى


2004.10.17

قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، ئافغان ۋە رۇسىيىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باشلىقلار يىغىنى تاجىكىستان پايتەختى دۈشەنبىدە باشلاندى. قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئاكايېف، قازاقىستان پرېزىدېنتى نازاربايېف، ئۆزبېكىستان پرىزدېنتى كەرىموفلار يەكشەنبە كۈنى دۈشەنبىگە يېتىپ كەلگەن. يىغىننىڭ ھەقىقى كۈنتەرتىپى دۈشەنبە كۈنى باشلىنىدۇ. ئافغانىستان بۇ قېتىمقى يىغىنغا پرېزىدېنت ھامىت كارزاينىڭ قاتنىشالمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. كارزاينىڭ ئورنىغا ئافغانىستاننىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى ھېدايەت ئەمىن پەنشېرى قاتنىشىدۇ. رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن شەنبە كۈنى تاجىكىستانغا كەلگەن.

ئۇ يەكشەنبە كۈنى تاجىكىستاندىكى رۇسىيە ئارمىيىسىنىڭ ھەربىي بازىسىنى ئېچىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. دۈشەنبىدىكى يىغىننىڭ كۈنتەرتىپى تېررورچىلىق ۋە زەھەرلىك چېكىملىك تىجارىتىگە قارشى ھەمكارلىق، سۇ مەسىلىسى، ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى ئېچىش، خەلقئارا ترانسپورت كارىدورى، دېھقانچىلىق ۋە سانائەت ساھەسىدىكى ھەمكارلىق تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىق تەشكىلاتى قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ۋە تاجىكىستانلار تەرىپىدىن 2002 - يىلى قۇرۇلغان. كېيىن بۇ تەشكىلاتقا رۇسىيە بىلەن ئافغانىستان ئەزا بولۇپ كىرگەن. مەزكۇر تەشكىلات يىلدا بىر قېتىم باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.