رۇسىيە، خىتاي ۋە ھىندىستاننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئالمائاتادا ئۇچراشتى


2004.10.21

رۇسىيە، خىتاي ۋە ھىندىستاننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى پەيشەنبە كۈنى قازاقىستاننىڭ ئالمائاتا شەھىرىدە بىر ئارىغا كىلىپ، تېررورچىلىققا قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف، خىتاي ۋە ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بىلەن ئافغانسىتان ۋە ئىراق ۋەزىيىتى، زەھەرلىك چىكىملىككە قارشى تۇرۇش مەسىلىلىرىدىمۇ سۆھبەتلەشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى جاۋشىڭ، يادرو قورالغا ئىگە بۇ ئۈچ چوڭ دۆلەتنىڭ يەنە ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ھەققىدىمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

بۇ ئۈچ دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى جۈمە كۈنى ئالمائاتادا ئېچىلىدىغان ئاسىيادا ئىشەنچ تۇرغۇزۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن قازاقىستانغا كەلگەن ئىدى. مەزكۈر كېڭەشتىكى 17 دۆلەتنىڭ جۈمە كۈنىدىكى يىغىنىدا رايۇننىڭ بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىدىغان بىر پىلاننى قۇبۇل قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.