شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تاشقى ئىشلار باشلىقلىرى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى


2005.02.27

ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى دېموكراتىك سايلام ۋەزىيىتى جىددىيلىشىپ، دېموكراتىيە بىلەن ھاكىممۇتلەقلىق ئارىسىدىكى كۈرەشلەر ئۆتكۈرلىشىۋاتقان بۇ كۈنلەردە 25-فېۋرال كۈنى قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانا شەھىرىدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ يىغىنى بولۇپ ئۆتتى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا مەزكۇر يىغىندا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دۆلەتلىرىنىڭ ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىش ۋاقتى، ئورنى ھەم مەقسىتى بېكىتىلگەن. مەزكۇر يىغىن بۇ يىل 7-ئاينىڭ 5-6-كۈنلىرى ئاستانادا ئۆتكۈزىلىدىكەن . ئۇنىڭدا ئوتتۇرا ئاسىيانى يادروسىز رايون قىلىش ھەققىدىكى بىر قاتار ھۆججەتلەرگە قول قويىلىدىكەن ھەمدە ئىران ۋە پاكىستاننى بۇ تەشكىلاتقا كىرگۈزۈش مەسىلىلىرىنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.

خەۋەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ قېتىم ئىران بىلەن پاكىستان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا قاتنىشىش ئۈچۈن رەسمى تەكلىپ سۇنغان. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى بولسا موڭغۇلىيە بۇ تەشكىلاتتىكى كۈزەتكۈچىلىك ئورنىغا ئېرىشكەن ئىدى.

ئاستانادا ئۆتكۈزىلگەن بۇ قېتىمقى يىغىندا يەنە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا مەملىكەتلىرى بىرلىكى، مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقى ھەمدە ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىش ھەققىدىكى ئەسلەتمىگە قول قويۇلغان.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنسىتىرى لاۋروپ مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى بىلەنمۇ ھەمكارلىشىشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسەتكەن. چۈنكى ھازىر شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرى بىلەن زىچ ئىش بىرلىكى ئېلىپ بارغان بولۇپ، خىتاي ۋە رۇسىيە بۇنىڭدىن بىئارام بولماقتا. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.