ۋۇ يى پرېزىدېنت راخمانوۋ بىلەن خىتاي - تاجىك ھەمكارلىقىنى سۆزلەشتى

خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋۇ يى، پەيشەنبە كۈنى تاجىكىستان پايتەختى دۈشەنبىدە پرېزىدېنت ئىمام ئەلى راخمانوۋ بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتاي - تاجىكىستان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش مەسىلىلىرى بويىچە سۆھبەت ئېلىپ باردى. تاجىكىستان ۋۇ يىنىڭ قازاقىستان، ئۆزبېكىستان ۋە تۈرمەنىستانلاردىن كېيىن ئېلىپ بارغان ئوتتۇرا ئاسىيا زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى.

تاجىستان پرېزىدېنتىنىڭ ئاخبارات كاتىپى ئابدۇفاتاخ شەرىپوۋنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئىككى تەرەپ تاجىكىستاندىكى نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە ھېدرو - ئېنېرگىيە مەنبەئەلىرىنى تەڭ ئېچىش بويىچە ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشنى مۇزاكىرە قىلغان. بۇ جەرياندا ۋۇ يى تاجىكىستانغا 20 مىليون دوللار بەردى.

تاجىكىستان سودا- ئىقتىساد مىنىستىرى ھاكىم سولىيېۋنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 20 مىليون دوللارنىڭ بىر قىسىمى پايتەخت دۈشەنبىنىڭ 90 كىلومېتىر جەنۇبىدىكى شار - شار تونىلىنى ياساش، بىر قىسىمى تاجىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتايدا مائارىپ تەربىيىسى ئېلىشى ئۈچۈن بېرىلگەن.

تاجىكىستان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى 6 دۆلەتنىڭ بىرى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دۆلەتلەر يېقىندا قازاقىستان پايتەختى ئاستانىدا يىغىن ئېچىپ، ئامېرىكىنى ئوتتۇرا ئاسىيادىن قوشۇن چېكىندۈرۈشكە چاقىرغان ئىدى. ئەمما ئامېرىكا ئارمىيىسى شتاب باشلىقلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى گېنېرال پالكوۋنىك مايىرسنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى ئامېرىكىدىن قوشۇن چېكىندۈرۈشىنى تەلەپ قىلىشقا قىستىماقتىكەن. (ئەركىن)