مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقى پارچىلىنىشقا قاراپ يۈزلەنمەكتە


2005.08.28

26-ئاۋغۇست كۈنى تاتارىستاننىڭ پايتەختى قازاندا ئۆتكۈزۈلگەن مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەم دوستلۇقىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرىنىڭ يىغىنىدا مەزكۇر تەشكىلاتىنى تارقىتىۋېتىش تەكلىپى مۇزاكىرە قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما نەتىجە قازىنالمىدى. لېكىن يىغىن قاتناشقۇچىلىرى بىردەك ھالدا مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئۇنى قايتا تەشكىللەشنى قارار قىلدى. بۇ ئاساسلىقى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئۇنۇمدارلىقىنى ئاشۇرۇش، ئۇنىڭ پائالىيەتلىرىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن تەمىنلەش ۋە باشقىلارغا قارىتىلغان.

مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرىنىڭ يىغىنىدا قانۇنسىز كۆچمەنلەر مەسىلىسى ۋە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قىلىش مەسىلىلىرىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان.

سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشى بىلەن شەكىللەنگەن مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقى مەۋجۇت بولغان 13 يىلدىن بۇيان كۈنسايىن پارچىلىنىشقا قاراپ يۈزلەنمەكتە.

مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىغا ئەزا دۆلەتلەر يىلدىن –يىلغا ئۆز ئالدىغا سىياسەت بەلگىلەشكە قاراپ تەرەققى قىلىپ، بۇرۇنقى بىر گەۋدىلىكتىن ئايرىمىلىققا قاراپ يۈزلەنگەن بولۇپ، ھەتتا دېموكراتىك ئىنقىلاب غەلىبە قىلغان ئۇكرائىنىيە، گرۇزىيە ۋە قىرغىزىستان بىرلىشىپ، ئۆز ئالدىغا ئايرىم بىر رايون خاراكتېرلىق خەلقئارالىق تەشكىلات قۇرۇشقا قاراپ يۈزلەنگەن ھەمدە مۇستەقىل دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ئىسلاھ قىلىشنى، بۇ رايوندا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.