رۇسىيە ۋە قىرغىزىستان ئۆز-ئارا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدىكەن


2005.09.05

رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ۋە قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيىف دۈشەنبە كۈنى كىرىملدىكى ئۇچرىشىشىدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش مەسىلسىدە كېلىشتى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيىنى زىيارەت قىلىۋاتقان قىرغىزىستان پرېزىدېنتى باقىيېف ۋە رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن، بولۇپمۇ ئىككى دۆلەت ئارىسىدا مەبلەغ سېلىش، ئېلېكتىر قۇۋىتى، تەبىئىي گاز قېدىرىش ۋە كان ئىچىش ساھەسىدە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى قارار قىلغان.

بۇ پرېزىدېنت باقىيېفنىڭ، قىرغىزىستان پرېزىدېنتى بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن، چەت بىر دۆلەتكە قاراتقان تۇنجى زىيارىتى ھېسابلىنىدۇ.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، باقىيېف ئامېرىكا ۋە رۇسىيىنىڭ قىرغىزىستاندىكى مەنپەتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا تىرىشماقتا. ئامېرىكا ۋە رۇسىيىنىڭ قىرغىزىستاندا ھەربىي بازىسى بار. باقىيىف دۈشەنبە كۈنى موسكۋادا بەرگەن باياناتىدا، مىنىڭچە، بىزنىڭ ھەممە تەرەپنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىۋاتقانلىقىمىز دۆلىتىمىزگە چوقۇم ياخشى نەتىجىلەر ئېلىپ كېلىدۇ،دېدى

رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ باشقۇرۇشىدىكى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىگە، قىرغىزىستاندىكى ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرىنى سىقىپ چىقىرىش ئۈچۈن بېسىم ئىشلەتمەكتە. ئۆزبېكىستان بولسا، ئاللىقاچان ئامېرىكىغا ئۆزبېكىستاندىكى ھەربىي قىسىملىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشىنى بىلدۈرگەن.(قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.