تاجىكىستان، ئۆزبېكىستاندىن چېكىنىدىغان ئامېرىكا قوشۇنلىرىنى كۈتۈۋېلىشقا تەييار
2005.09.16
تاجىكىستاندا ھاكىمىيەت بېشىدىكى سىياسى پارتىيە، ئۆزبېكىستاندىن چېكىنىدىغان ئامېرىكا ھەربىي خادىملىرى ۋە ھەربىي ئەسلىھەلىرىنىڭ بىر قىسىمىنى تاجىكسىتانغا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە كۈتۈۋېلىشقا تەييار، دەپ كۆرسەتتى.
ئامېرىكا ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىل 5 - ئايدا ئەنجاندىكى نامايىشچىلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى ئاشكارە تەنقىد قىلغاندىن كېيىن، كېرىموف ھۆكۈمىتى خانئاباد ھەربى بازىسىدىكى ئامېرىكا قوشۇنلىرىنىڭ 6 ئاي ئىچىدە ئۆزبېكىستاندىن ئايرىلىشىنى تەلەپ قىلغان.
ئامېرىكا خانئاباد ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىكى قوشۇنلىرىنى يۆتكەيدىغان يېڭى بازىغا ئىھتىياجى بار- يوقلىقىنى ھازىرغىچە تىلغا ئالمىدى. ئەمما قىرغىزىستاندىكى ھەربىي بازا بىلەن ئافغانىستاندىكى بازىلارنىڭ تاقالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
تاجىكىستاندا ھاكىمىيەت بېشىدىكى خەلق دېموكراتىيە پارتىيىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دەۋلەت ئەلى دەۋلەتوۋ، رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا "سىياسى ۋەزىيەتنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، بىز ئامېرىكا بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىمىز. سىياسىتىمىز خوشنىلىرىمىزغا ئوخشاش ئۆزگەرمىدى،" دەپ تەكىتلىگەن.
ئەمما رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ دۈشەنبىدىكى غەرب دىپلوماتلىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ئامېرىكا ھازىرغىچە ئۆزبېكىستاندىكى قوشۇنلىرىنى تاجىكىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى قارار قىلمىغان.
تاجىكىستان بۇ يىل 7 - ئايدا ئامېرىكىدىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بازىلىرىنى تاقاشنى تەلەپ قىلغان شاڭخەي گۇرۇھىدىكى دۆلەتلەرنىڭ بىرى ئىدى. دەۋلەت ئەلى دەۋلەتوۋ، رۇسىيىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى پوزىتسىيىسى "مۇھىم،" دەيدۇ. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى تاجىكىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدىكى زىيارىتىنى باشلىدى
- ئامېرىكا ئۆزبېكىستاننى تەنقىد قىلدى
- ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى بۇ يەردىكى ئامېرىكا قوشۇنلىرىنىڭ چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن
- خىتاي ئامېرىكا بازىسىنى تاقاشنى تەلەپ قىلىش توغرىسىدا قىرغىزىستانغا بېسىم ئىشلەتكەن
- ئۆزبېكىستاندىن قوشۇن چېكىندۈرۈش ئافغانىستاندىكى ھەربىي پائالىيەتلەرگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ