شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باش مىنىستىرلىرى سەيشەنبە كۈنى موسكۋادا ئۇچرىشىپ، رايوننىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى بۇ رايوندىكى "دىنىي رادىكاللار" ۋە "تېررورچىلار" نىڭ تەھدىتىنى ئازايتىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.
خىتاي ئۇيغۇرلارنى، رۇسىيە چېچەنلەرنى "تېررورچىلار" دەپ قارىلاپ، ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىق پائالىيەتلىرىنى چەكلەشكە ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە.
خەۋەرگە قارىغاندا، خىتاي ۋە رۇسىيە يىتەكچىلىكىدىكى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىككى كۈنلۈك يىغىنىغا يەنە پاكىستان، ھىندىستان ۋە ئىرانمۇ كۆزەتكۈچى سالاھىيىتى بىلەن قاتناشتى. ئۇلارنىڭ بىر يۈرۈش ئىقتىسادىي ۋە ئېنېرگىيە ھەمكارلىق كېلىشىملىرىنى ئىمزالايدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
كۆزەتكۈچىلەر، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بارغانسىرى ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىر كۈچىنى چەتكە قېقىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بۇ يىل 7 - ئايدىكى يىغىنىدا، ئامېرىكىنى ئۆزبېكىستاندىكى قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرۈشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
رۇسىيە ئېتار- تاس ئاگېنتلىقىنىڭ يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن موسكۋاغا كەلگەن پاكىستان باش مىنىستىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، نۆۋەتتە پاكىستانمۇ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەسمىي ئەزاسى بولۇشنى خالاۋاتقان ئىكەن. (ئارزۇ)