ئوتتۇرا ئاسىيادىكى 5 دۆلەت جۈمە كۈنى رايوننى يادرو قوراللاردىن خالى رايون قىلىش كېلىشىمى ئىمزالىدى. كېلىشىمدە بۇ دۆلەتلەر يادرو قوراللارنى ئىشلەپچىقارماسلىق، سېتىۋالماسلىق ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ رايوندا يادرو قوراللىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا يول قويماسلىققا ۋەدە قىلغان.
قازاقىستان تاشقىي ئىشلارمىنىستىرى جۈمەرت توقايېۋ كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىدا " رايوندىكى دۆلەتلەر ھەربىي ھازىرلىقلار ۋە قىرغىنچىلىق قوراللىرىدىن خالى بولۇش پرىنسىپىنىڭ رامكىسى ئۈستىدە بىرلىككە كەلدى. بۇ بىزنىڭ يەر شارى بىخەتەرلىكىگە قوشقان بىر تۆھپىمىز " دېدى. قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان قاتارلىق دۆلەتلەر 8.3 مىليون كۋادىرات كىلومېتىر كېلىدىغان ۋە 60 مىليون نوپۇسقا ئىگە بۇ رايوننى يادرو قوراللاردىن خالى جاي، دەپ جاكارلىغان بۇ كېلىشىم قازاقىستاننىڭ شەمەي شەھىرىدە ئىمزالاندى.
بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا، بۇ كېلىشىمنىڭ يادرو قوراللار ئىقتىدارىغا ئىگە ئايرۇپىلانلارنىڭ رايوندىن ئۇچۇپ ئۆتۈشىنى چەكلىشىدىن ئەنسىرىمەكتىكەن. (ئەركىن)