0:00 / 0:00
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنى ئاۋغۇست ئېيىدا قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى بۇ يىغىننى قارشى ئېلىش ئۈچۈن جىددىي تەييارلىق قىلماقتا. تەييارلىق ئىشلىرى ئۈچۈنمۇ قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى كۆپ مەبلەغ ئاجراتقان. تەييارلىق ئىشلىرىنىڭ قانداق بولۇۋاتقانلىقىنى رۇسىيە ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار دائىرىلىرى كۆزدىن كەچۈرگەن . قىرغىزىستان تەرەپ بۇ يىغىننىڭ ئەھمىيىتىنىڭ زورلۇقىنى تەكىتلىمەكتە، ئەمما بىشكەكتىكى ئۇيغۇر جامائىتى شاڭخەي ھەمكارلىقىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىگىمۇ زەربە بېرىشنى نىشان قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلماقتا. بۇ ھەقتە بىشكەكتىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلامدىن ئاڭلاڭ.