ش ئا ئو ئە ت ئافغانىستاندىكى ھەربىي كۈچىنى كېڭەيتىدۇ

شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدە تەشكىلاتى باش كاتىپى جاپ دﯤ خوپ شېيفىر، مەزكۇر ھەربىي ئىتتىپاقنىڭ ئافغانىستاندىكى ھەربىي قىسىملىرىنى يېقىن كەلگۈسىدە غەربىي ئافغانىستاندىكى ھېرات رايونىغا قەدەر كېڭەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ش ئا ئو ئە ت باش كاتىپى بۇ سۆزلەرنى پەيشەنبە كۈنى تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى سەپەر مۇرات نىيازوپ بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىدىن كېيىن ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئېلان قىلدى. دﯤ خوپ شېيفىر، پرېزىدېنت نىيازوپ بىلەن تۈركمەنىستاننىڭ ش ئا ئو ئە ت قىسىملىرىنىڭ ئافغانىستاندىكى ھەربىي ھەرىكىتىنى قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋا يولى بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ش ئا ئو ئە ت باش كاتىپىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كافكازىيە ئىشلىرى بويىچە ئالاھىدە ۋەكىلى روبېرت سىممونس، تۈركمەنىستان ھۆكۈمىتى بىلەن يۇقىرىقى مەسىلىلەر بويىچە سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ. دﯤ خوپ شېيفىر چارشەنبە كۈنى تاجىكىستاننى زىيارەت قىلىپ، تاجىك پرېزىدېنتى ئىمام ئەلى راخمانوپ بىلەن ئافغانىستاندىكى ش ئا ئو ئە ت قىسىملىرىنىڭ تاجىكىستان ترانسپورت يوللىرىنى ئىشلىتىش بويىچە كېلىشىم ئىمزالىغان ئىدى. ش ئا ئو ئە ت باش كاتىپى بۇ قېتىمقى سەپىرىدە قىرغىزىستان، قازاقىستان ۋە ئۆزبەكىستانلارنى زىيارەت قىلغان. ئۇ جۈمە كۈنى ئەزەربەيجاننى زىيارەت قىلدى. كۆزەتكۈچىلەر، ش ئا ئو ئە ت نىڭ ئافغانىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىگە كېڭىيىشى خىتاي ھۆكۈمىتى كۆرۈشنى ئەڭ خالىمايدىغان ئەھۋال دەپ قارىماقتا. (ئەركىن)