ئۆزبېكىستان ئامېرىكىنى قوشۇن چېكىندۈرۈشكە قىستىمايدۇ

ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خانئاباد ھاۋا ئارمىيە بازىسىنىڭ ئىجرائە ھەققىنى ۋاقتىدا تولىسە شۇنداقلا بازىنىڭ مۇھىتىنى قوغدىسا، بازىنى ئامېركا قىسىملىرىغا داۋاملىق ئىشلىتىشكە بېرىدۇ، دەپ جاكارلىغان. بۇنىڭ ئالدىدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى دۆلەتلەر قازاقىستان پايتەختى ئالما- ئاتادىكى باشلىقلار يىغىنىدا ئامېرىكىنى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەربىي بازىلىرىدىن چېكىنىش ۋاقىت جەدىۋىلى ئېلان قىلىشقا چاقىرغان.

شاڭخەي گۇرۇھىدىكى دۆلەتلەر خىتاپنامىسىدا ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى كەرىموۋنىڭ ئىمزاسى بار ئىدى. ئەمما ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، قوشۇن چېكىندۈرۈش ۋاقىت جەدىۋىلى ئېلان قىلىشنى رەت قىلدى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسىنىڭ تەكىتلىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيادا ئامېرىكا ھەربىي بازىلىرىنى ئېچىش كېلىشىمى قىرغىز ۋە ئۆزبېكىستان بىلەن ئىمزالانغان. بۇ جايدىكى بازىلارنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىسى يوق ئىكەن.

ئۆزبېكىستان دائىرىلىرىنىڭ تەكىتلىشىچە، كېرىموف ھۆكۈمىتى ئامېرىكىغا خانئاباد بازىسىنى مۇزاكىرە قىلىش تەكلىپى بەرگەن. ئەگەر ئامېرىكا خانئاباد بازىسىنىڭ ئىجارە ھەققىنى ۋاقتىدا تاپشۇرسا، بازىنى رىمونت قىلىش ۋە بازىنىڭ مۇھىتىنى تۈزەشكە پۇل تۆلىسە، ئۆزبېكىستان بازىنى ئامېرىكا قىسىملىرىغا داۋاملىق ئىجارىگە بېرىشنى خالايدىكەن.(ئەركىن)