قىرغىزىستاننىڭ يېڭى پرېزىدېنتى بولۇپ سايلانغان قۇرمانبېك باقىيېف، ئامېرىكىنىڭ ھەربىي قىسىملىرىنى قىرغىزىستاندا تۇرغۇزۇش مەسىلىسى قايتىدىن مۇزاكىرە قىلىنىشى كېرەك، دېدى.
قۇرمانبېك باقىيېف دۈشەنبە كۈنى قىرغىزىستان پرېزىدېنت سايلىمىدا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، مۇخبىرلارغا بەرگەن تۇنجى باياناتىدا، "ئافغانىستاندا پرېزىدېنت ۋە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى. ئافغانىستاندا ۋەزىيەت مۇقىملاشتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەمدى بىز ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرىنىڭ قىرغىزىستاندا تۇرۇشىنىڭ زۆرۈر ياكى ئەمەسلىكىنى قايتىدىن مۇزاكىرە قىلىشىمىز كېرەك. بۇ مەسىلىنىڭ قاچان ۋە قانداق مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى تېخى مەلۇم ئەمەس"، دېدى.
خىتاي ۋە رۇسىيىنىڭ رەھبەرلىكىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى، ئۆتكەن ھەپتە قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانادا ئۆتكۈزگەن ئالىي دەرىجىلىك يىغىنى جەريانىدا، ئامېرىكىدىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەربىي قىسىملىرىنى چېكىندۈرۈش ئۈچۈن ئېنىق بىر ۋاقىت بەلگىلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
لېكىن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندالىزا رايىس، يەكشەنبە كۈنى بېيجىڭدا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەربىي قىسىملىرىنى چىكىندۈرۈش توغرىسىدىكى تەلىپىنى رەت قىلىپ، ئافغانىستاندا تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشنىڭ ھېلىمۇ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. (قانات)