قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى، قىرغىزىستاندىكى ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت بۇ دۆلەتتە تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى


2005.07.26

دۈشەنبە كۈنى قىرغىزىستاندا زىيارەتتە بولغان ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى دونالد رامسفېلد بىلەن كۆرۈشكەن قىرغىزىستان رەھبەرلىرى، قىرغىزىستاندىكى ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرىنىڭ ئافغانىستاندىكى ۋەزىيەت ئوڭشالغىچە بۇ دۆلەتتە تۇرالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قىرغىزىستان مۇداپىئە مىنىستىرى گېنېرال ئىسمائىل ئىساقوف بېشكەكتە، ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى دونالد رامسفېلد بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئامېرىكىنىڭ ماناس ھەربىي بازىسى ئافغانىستاندىكى ۋەزىيەت ئوڭشالغىچە پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ، دېدى

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى يېقىندا قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانىدا ئۆتكۈزگەن ئالىي دەرىجىلىك يىغىنىدا بىر قارار لايىھىسى ماقۇللاپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەربىي قىسىملىرىنى چىكىندۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن ئېنىق بىر ۋاقىت بەلگىلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيېف 10 ئىيۇل كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا قىرغىزىستان پرېزىدېنتى بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن بەرگەن باياناتىدا، ئافغانىستاندا ۋەزىيەت مۇقىملاشقانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ئەسكەرلىرىنى چىكىندۈرۈپ چىقىپ كېتىش ۋاقتى كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

بېشكەكتە ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى دونالد رامسفېلد بىلەن ئۇچراشقان قىرغىزىستان مۇداپىئە مىنىستىرى ئىساقوف، ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرىنىڭ قىرغىزىستاندا تۇرۇشى، ئافغانىستاندىكى ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا باغلىق، ئافغانىستاندا ۋەزىيەت مۇقىملاشقاندىن كېيىن، ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرىنىڭ تۇرۇشى ئۈچۈن ھاجەت قالمايدۇ. لېكىن، ھازىر ئافغانىستاندىكى ۋەزىيەت تېخى مۇقىملاشمىدى. بۇ مەسىلىدە مەن ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن ئوخشاش كۆز قاراشتا، دېدى.

رامسفېلد سەيشەنبە كۈنى قىرغىزىستاندىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ تاجىكىستانغا بېرىپ، تاجىكىستان پرېزىدېنتى ئىمامئەلى راخمانوف ۋە مۇداپىئە مىنىستىرى گېنېرال شىرئەلى خەيرۇلللايوف بىلەن ئۇچراشتى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، تاجىكىستان رەھبەرلىرى، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئامېرىكىنىڭ يەنىلا تاجىكىستاندىكى ھەربىي بازىلاردىن پايدىلىنالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.