ئۆزبېكىستان ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنى تاقاشنى ئېلان قىلدى
2005.07.31
ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا شەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ تاشكەنتتە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئۆزبېكىستان تەرەپنىڭ بىر پارچە دىپلوماتىيىلىك ھۆججىتىنى تاپشۇرىۋالغان بولۇپ، تاشكەنت دائىرىلىرى ئامېرىكىنىڭ قارشى-خان ئابادتىكى ھەربىي بازىسىنى تاقاشنى، ئالتە ئاي ئىچىدە ئۇ جايدىكى ئەسكەرلىرى ۋە ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى يۆتكەپ چىقىپ كېتىشنى رەسمى تەلەپ قىلغان.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستاننى زىيارەت قىلغاندا ئۇ، ئەگەر ئۆزبېكىستاننىڭ خان ئابادتىكى ھەربىي بازىنى ئىشلەتمەسلىكنى تەلەپ قىلسا، ئامېرىكىنىڭ ئۆز قوشۇنلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ئۆزبېكىستاندىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسى ئافغانىستاندىكى تالىبانلارغا قارشى ئۇرۇش باشلانغاندا تەسىس قىلىنغان، ئەمما بۇ يىلقى ئەنجان ۋەقەسىدىن كېيىن ئامېرىكا ئىسلام كېرىموفنى تەنقىد قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ پوزىتسىيىسى ئۆزگىرىپ، خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتقان ھەمدە ئامېرىكىنى ئۆز ئەسكەرلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئىۋانوف، رۇسىيىنىڭ ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرى توغرىسىدا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە بېسىم ئىشلەتكەنلىكىنى رەت قىلدى
- قازاقىستاندىكى سىياسىيون شەرپبېگ ئامېرىكا قوشۇنلىرى مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى
- قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى، قىرغىزىستاندىكى ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت بۇ دۆلەتتە تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
- ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دونالد رامسفېلد ئوتتۇرا ئاسىيادا
- دونالد رامسفىلد، قىرغىزىستاننى ئامېرىكا بازىسى مۇناسۋىتى بىلەن زىيارەت قىلدى