ئۆزبېكىستاندىن قوشۇن چېكىندۈرۈش ئافغانىستاندىكى ھەربىي پائالىيەتلەرگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ
2005.08.01
دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا ھەربىي خادىملىرى، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا قوشۇنلىرىنى خانئاباد ھەربىي بازىسىدىن چىقىرىش قارارى، ئافغانىستاندىكى ھەربىي پائالىيەتلەرگە ھېچقانداق تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، دېدى.
ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى جۈمە كۈنى ئامېرىكىدىن ھەربىي قىسىملىرىنى خانئاباد بازىسىدىن ئېلىپ چىقىپ كىتىشىنى تەلەپ قىلغان. ئامېرىكا -11 سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن بىرى مەزكۇر بازىدىن ئافغانىستاندىكى ھەربىي ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرى ئۈچۈن پايدىلىنىپ كېلىۋاتاتتى.
ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى قوشۇنلىرىنىڭ باياناتچىسى پولكوۋنىك جىم يونتىس كابۇلدا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، "ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ قارارى، بىزنىڭ ئافغانىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي پائالىيەتلىرىمىزگە ھېچقانداق تەسىر يەتكۈزمەيدۇ" دېدى.
ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى، ئامېرىكا قوشۇنلىرىنى خانئاباد ھەربىي بازىسىدىن نىمە ئۈچۈن چىقىرىش قارارىغا كەلگەنلىكى توغرىسىدا ھېچقانداق سەۋەپ كۆرسەتمىگەن. ئەمما ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى ماي ئېيىدا ئەنجان شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق نامايىشىنى قانلىق باستۇرغاندىن بېرى، ئۆزبېكىستان ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى كۈنسېرى ناچارلاشماقتا. (قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- قىرغىزىستان يەنە بىر قېتىم خىتاينىڭ قىرغىزىستاندا ھەربىي بازا قۇرالمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى
- ئۆزبېكىستان ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنى تاقاشنى ئېلان قىلدى
- ئامېرىكا- ئۆزبېكىستان مۇناسىۋەتلىرى كەسكىنلەشتى
- ئىۋانوف، رۇسىيىنىڭ ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرى توغرىسىدا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە بېسىم ئىشلەتكەنلىكىنى رەت قىلدى
- قازاقىستاندىكى سىياسىيون شەرپبېگ ئامېرىكا قوشۇنلىرى مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى