رۇسىيە قىرغىزىستان بىلەن بولغان ھەربىي ئالاقىسىنى كۈچەيتمەكچى

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگىي ئىۋانوف چارشەنبە كۈنى رۇسىيىنىڭ قىرغىزىستانغا كەڭ كۆلەمدە مەبلەغ سېلىپ، بۇ دۆلەت بولغان ھەربىي ئالاقىسىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سېرگىي ئىۋانوف چارشەنبە كۈنى قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بېشكەكنى زىيارەت قىلغاندا، " بىز قىرغىزىستانغا كەڭ كۆلەمدە مەبلەغ سېلىشنى پىلانلاۋاتىمىز" دېگەن. قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيېف بولسا، رۇسىيە بىلەن بولغان ھەربىي ھەمكارلىقىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

رۇسىيە يېقىندىن بۇيان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سىياسىي ۋە ھەربىي تەسىرىنى قايتا كۈچەيتىش ئۈچۈن ئۇرىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇ يەنە خىتاي بىلەن بىرلىشىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ۋاكالىتەن ئامېرىكىدىن بۇ رايوندا تۇرغۇزىۋاتقان قوشۇنلىرىنى چېكىندۇرۇش ۋاقتىنى بېكىتىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

ئەمما قىرغىزىستان، ئامېرىكا ۋە رۇسىيىنىڭ بۇ رايوندىكى مەنپەئەتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا تىرىشماقتا. پرېزىدېنت باقىيېف، ئامېرىكىنىڭ ھەربىي بازىسىنى ئافغانىستان پۈتۈنلەي تىنچلانغىچە ئۇزارتىشىغا يول قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (ئارزۇ)