ئامېرىكا قىرغىزىستاندىكى ھەربىي بازىسىنى كۈچەيتىدىكەن
2005.10.03
قىرغىزىستاندا زىيارەتتە بولۇۋاتقان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىبىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كافكازىيە ئالاھىدە ۋەكىلى، روبرت سىمونس دۈشەنبە كۈنى بېھكەكتە بەرگەن باياناتىدا، ئامېرىكا ئۆزبېكىستاندىكى ھەربىي قىسىملىرىنى چىكىندۈرۈپ چىققاندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ھەربىي بازىسىنىڭ كۈچلەندۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
روبرت سىمونس، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاندا تىنچلىق ئورنىتىش ئۈچۈن ئافغانىستان پرېزىدېنتى ھامد كەرزەي بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، ئافغانىستاندا تىنچلىقنى ئورنىتىش ئۈچۈن قىرغىزىستان ۋە رايوندىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ياردىمىگە ئېھتىياجىمىز بار، دېدى.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا ئۆزبېكىستاندىكى ھەربىي قىسىملىرىنى چىكىندۈرۈپ چىققاندىن كېيىن، قىرغىزىستاننىڭ ماناس ئايرودرومى يېقىندىكى ھەربىي بازىسىنى كۈچلەندۈرۈپ، بۇ بازىدىكى ھەربىي پائالىيەتلىرىنى تىزلىتىدىكەن.
ئامېرىكىنىڭ ماناستىكى ھەربىي بازىسى 2001 - يىلى ئېچىلغان بولۇپ، ئامېرىكا بۇ بازىدىن ئافغانىستاندىكى ھەربىي پائالىيەتلىرى ئۈچۈن پايدىلانماقتا. (قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا قوشۇنلىرى ئۆزبېكىستاندىن چېكىنىدۇ
- تاجىكىستان، ئۆزبېكىستاندىن چېكىنىدىغان ئامېرىكا قوشۇنلىرىنى كۈتۈۋېلىشقا تەييار
- قىرغىزىستاننىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى ئۆز دۆلىتىگە قايتمىدى
- ئامېرىكا ئۆزبېكىستاننى تەنقىد قىلدى
- ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى بۇ يەردىكى ئامېرىكا قوشۇنلىرىنىڭ چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن