رۇسىيە تاجىكىستاندا ھاۋا ئارمىيە بازىسى قۇرىدۇ
2005.10.07
تاجىكىستان دائىرىلىرىنىڭ جۈمە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، رۇسىيە تاجىكىستان پايتەختى دۈشەنبە ئەتراپىدا ھاۋا ئارمىيە بازىسى قۇرۇدىغان بولۇپ، بۇ رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ھەربىي بازا قۇرۇش تىرىشچانلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىشارىتى ئىكەن.
رۇسىيىنىڭ تاجىكىستاندا ھەربىي بازا قۇرۇش پىلانى، ئۆزبېكىستان دائىرىلىرى ئەنجان ۋەقەسىدىن كېيىن خانئاباد ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىكى ئامېرىكا قىسىملىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلىپ ئوزۇن ئۆتمىگەن بىر مەزگىلگە توغرا كەلدى.
ئامېرىكا بىلەن رۇسىيىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ھەربىي بازىرىلىرى بىر - بىرىگە خوشنا بولۇپ، ش ئا ئو ئە ت باش كاتىپىنىڭ ۋەكىلى روبېرت سىمونىس ئۆتكەن كۈنى بېشكەكنى زىيارەت قىلغاندا ش ئا ئو ئە ت نىڭ قىرغىزىستان بىلەن ھەربىي ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
تاجىكىستان پرېزىدېنتى ئىمام ئەلى راخمانوۋ ئىشخانىسىنىڭ تەكىتلىشىچە، رۇسىيە ھاۋا ئارمىيە بازىسى پايتەخت دۈشەنبىنىڭ 10 كىلومېتىر سىرتىدىكى ئەينى دېگەن جايدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قالغان ئايرودرۇمدا قۇرۇلۇدىكەن.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىس، كېلەر ھەپتە تاجىكىستاننى زىيارەت قىلىپ، راخمانوۋ بىلەن كۆرۈشىدۇ. راخمانوۋ، يېقىندا ئامېرىكىنىڭ تاجىكىستاندا ھەربىي بازا قۇرۇشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. رۇسىيە 1992 - يىلدىن 1997 - يىلىغىچە داۋام قىلغان تاجىكىستان ئىچكىي ئۇرۇشىدا راخمانوۋنى قوللىغان ئىدى. (ئەركىن)