قىرغىزىستاندا ئامېرىكىنى قوللاش نامايىشى يۈز بەردى
2005.12.11
قىرغىزىستان ئاگېنتلىقلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆتكەن ھەپتىدە بىشكەك شەھىرىدىكى ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدا، ئامېرىكىنىڭ قىرغىزىستاندا ھەربىي بازىسىنى قوللاش نامايىشى يۈز بەرگەن بولۇپ، ferghane.ru ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، " قىرغىزىستان- ئامېرىكا دوستلۇق كومىتېتى" دەپ ئاتالغان بىر تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى قوللىرىدا قىرغىزىستان ۋە ئامېرىكا بايراقلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ، ئۆزلىرىنىڭ بىر قىسىم قىرغىزىستان ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدا مەۋجۇت ئامېرىكىنىڭ بېشكەكتىكى ھەربىي بازىسىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىش خاھىشلىرىغا بولغان نارازىلىقلىرىنى بىلدۈرگەن.
ئۇلار " ئامېرىكا دېموكراتىيە ۋە مۇقىملىقنىڭ كاپالىتى" دېگەندەك پىلاكاتلارنى كۆتۈرگەن بولۇپ، ئامېرىكا-قىرغىزىستان دوستلۇق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئاسانقۇلوپ، قىرغىزىستاننىڭ ئەتراپتىكى خىتاي ۋە ئۆزبېكىستان بىلەن كۆپ مەسىلىلىرى بارلىقىنى، ئەگەردە قىرغىزىستاندا ئامېرىكا ھەربىي بازىسى تۇرسا، "خىتاينىڭ يېقىنقى 50 يىل ئىچىدە قىرغىزىستاننى بېسىۋېلىشىنىڭ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى"، ئامېرىكىنىڭ قىرغىزىستاننى خىتاينىڭ بېسىۋېلىشىدىن قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ نامايىشچىلار يەنە ئامېرىكا پرېزىدېنتىغا خەت يېزىپ، ئامېرىكىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ھەربىي بازىسىنىڭ داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى ئىزھار قىلغان.
قىرغىزىستان ئىنسان ھوقۇقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى رامىزان دىرىلدايېۋنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە، پرېزىدېنت قۇرمانبېك باقىيېۋنىڭ خەلق ئىچىدىكى تەسىرى بۇرۇنقىغا قارىغاندا چۈشۈپ كەتكەن. (ئۈمىدۋار)