قىرغىزىستان ئامېرىكىدىن ھەربىي بازىسىغا تۆلەيدىغان ئىجارە ھەققىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلدى
2006.04.19
قىرغىزىستان پرېزىدېنتى چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا دائىرىلىرى ئەگەر بۇ يەردىكى ھەربىي بازىسىنىڭ ئىجارە ھەققىنى 6-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە ئۆستۈرۈشكە قوشۇلمىسا، ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنى تاقىۋىتىدىغانلىقى توغرىسىدا تەھدىت قىلدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيېف تېلېۋىزوردا قىلغان سۆزىدە، " قىرغىزىستاننىڭ كېلىشىمنى بۇزۇشنى ئويلىشىش ھوقۇقى بار" دەپ كۆرسەتتى ھەمدە ئەگەر ئامېرىكا دائىرىلىرى بىلەن بۇ ھەقتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سۆھبەت 1- ئىيونغىچە نەتىجە ھاسىل قىلمىسا، ئامېرىكىنىڭ ھەربىي بازىسىنى تاقايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. ئامېرىكىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ئەلچىخانىسى بۇ ھەقتە تېخى ئىنكاس قايتۇرمىدى.
ئامېرىكىنىڭ قىرغىزىسىتاندىكى ھەربىي بازىسى ئاقايېف دەۋرىدە ئافغانىستاندىكى ئۇرۇشقا ياردەم قىلىش مەقسىتىدە قۇرۇلغان بولۇپ، ئاقايېفتىن كېيىن تەختكە چىققان باقىيېف ئامېرىكىنىڭ بۇ يەردىكى ھەربىي بازىسىنىڭ ئىجارە ھەققىنى ئەسلىدىكى 2 مىليون دوللاردىن بىراقلا 207 مىليون دوللارغا كۆتۈرگەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ ئىجارە ھەققىنى يۇقىرىراق كۆتۈرۈشكە قوشۇلىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، لېكىن قانچىلىك بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى دېمىگەن ئىدى.
خەلق ئىنقىلاۋى ئارقىلىق ھوقۇقنى تارتىۋالغان باقىيېف تەختكە چىققاندىن كېيىن، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بىر قىسىم دېموكراتچىلار ۋە ئامېرىكىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن بۇرۇن بەرگەن دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ۋەدىسىنى ئورۇندىيالمىغانلىقى ھەمدە تەشكىللىك جىنايەتلەرگە ئۈنۈملۈك زەربە بېرەلمىگەنلىكى بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىدى. بەزى ئانالىزچىلار باقىيېفنىڭ رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ يوليورۇقى بىلەن ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنىڭ ئىجارە ھەققىنى قەستەن ئۆستۈرۈۋاتقانلىقىنى، ئەكسىچە رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قىرغىزىسستاندىكى ھەربىي بازىسىغا بولسا ھېچقانداق پۇل تۆلىمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (پەرىدە)