باقىيېۋ ئامېرىكا ئارمىيە بازىسى ھەققىدە توختالدى
2006.05.21
قىرغىزىستاندا ئىنتېرنېت ئارقىلىق تارقىتىلىدىغان "gazeta.kg "نىڭ خەۋەر بېرىشىچە، قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيېۋ 19-ماي كۈنى بىشكەكتە چەتئەللىك مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ، بىشككەكنىڭ ماناس ئايرودرومىدىكى ئامېرىكىنىڭ "گانسى" دەپ ئاتالغان ھاۋا ئارمىيە بازىسىنىڭ يېڭى كىرا ھەققى توغرىسىدا ئامېرىكا بىلەن سودىلاشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. چۈنكى، قىرغىزىستان بۇ بازىنىڭ يېڭى كىرا ھەققى سۈپىتىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە 200 مىليون دوللار تۆلەش ھەققىدە تەلەپ قويغان بولۇپ، بىشكەك دائىرىلىرى ئىزچىل تۈردە بۇ تەلىپىدىن يانمىغان ئىدى.
"بىز بۇ مەسىلىدە ئامېرىكا بىلەن سودالاشمايمىز " دەپ كەسكىن بىلدۈرگەن پرېزىدېنت قۇرمانبېك باقىيېۋ چەتئەل مۇخبىرلىرىغا يەنە " ئافغانىستاندىكى ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلاشقىنىغا بەش يىل ئۆتتى. بىز ئامېرىكىغا بۇ بازىنىڭ ھەققى ھەققىدە كونكرېت ھېساب بەردۇق. ئەگەر ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى بۇ باھا ئاساسسىز دەپ قارىسا، بۇ چاغدا ئۇلار بىزنى باشقا ئۇسۇل بىلەن قايىل قىلىشى كېرەك" دېدى.
خەۋەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، قىرغىزىستان پرېزىدېنتى سۆزىدە يەنە " قىرغىزىستاننىڭ ئامېرىكا قوشۇنلىرىغا بۇ ئايرودرومنى بېرىشىگە سەۋەب بولغان تالىپلار ھازىر يوق !" دەپ تەكىتلەش ئارقىلىق، ئافغانىستاندىكى ۋەزىيەتنڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.
قىرغىزىستاندىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسى خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ ئۆتكەن يىلىدىكى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا ئامېرىكىنىڭ ئۆز بازىسىنى تاقاش كۈن تەرتىپىنى بېكىتىش تەلەپ قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما، كېيىن بىشكەك رەھبەرلىرى بۇ بازىنىڭ داۋاملىق تۇرۇشىغا قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. بىراق، يېقىندىن بۇيان ئۇلار قايتىدىن مەزكۇر مەسىلىنى يەنە كۆتەردى.(ئۈمىدۋار)