قۇرمانبېك باقىيېف ئامېرىكا - قىرغىزىستان ئىجارە ھەققى ئىختىلاپىدا تېز بىرلىككە كېلىشنى تەلەپ قىلدى

قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيېف دۈشەنبە كۈنى بۇ دۆلەتتىكى ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە بازىسىنىڭ ئىجارە ھەققى مەسىلىسىدە ئىككى تەرەپنىڭ تېزرەك بىرلىككە كېلىشنى تەلەپ قىلدى. بازىنىڭ ئىجارە ھەققىنى چۆرىدىگەن بۇ ئىختىلاپ قىرغىزىستاندىكى ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە بازىسىنىڭ كېلەچىكىگە تەھدىت سالماقتا ئىدى.

پرېزىدېنت باقىيېف ئىشخانىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئامېرىكا بىلەن بولغان بۇ سۆھبەت " بىزنىڭ ئىقتىسادى مەنپەئەتىمىز ۋە مۇھىت مەسىلىسىدىكى ئەندىشىلىرىمىزنى كۆزدە تۇتقان ھالدا ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە تېزرەك ھەل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز " دەپ تەكىتلىگەن. ئامېرىكا دائىرىلىرى بىلەن قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتە بازىنىڭ ئىجارە ھەققىدە توغرىسىدا 2 كۈن سۆھبەت ئېلىپ بارغان بولسىمۇ،لېكىن كېلىشىم ھاسىل قىلالمىدى. تەرەپلەر داۋاملىق سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ماقۇل بولغان. پرېزىدېنت باقىيېف ، ئەگەر ئامېرىكا 1 - ئىيۇنغىچە قىرغىزىستان بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلمىسا، ماناس بازىسىدىكى ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلىمىز، دەپ تەھدىت سالغان، لېكىن ئۇ بۇ سۆزلىرىنى كېيىنرەك قايتۇرۇۋالدى.

قىرغىزىستان ئامېرىكىدىن ماناس ھاۋا ئارمىيە بازىسىنىڭ ئىجارە ھەققى ئۈچۈن يىلدا 200 مىليون دوللار تۆلەشنى تەلەپ قىلماقتا. ئامېرىكا ئىجارە ھەققىنى ئۈستۈرۈشكە ماقۇل بولغان، لېكىن قىرغىزىستان تەرەپ تەلەپ قىلغان ئىجارە سوممىسىنى رەت قىلماقتا.

بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئافغانىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئابدۇلرەھىم ۋارداق دۈشەنبە كۈنى قىرغىز دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئىسمايىل ئىساقوفقا تېلېفون قىلىپ، قىرغىزىستاندىكى ئامېرىكا بازىسى ئافغانىستاننىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. (ئەركىن)