ئامېرىكىنىڭ قىرغىزىستان ماناس بازىسىدىكى بىر خادىمى يوقاپ كەتتى

ئامېرىكىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ئەلچىخانىسىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ماناس ھەربىي بازىسىدا خىزمەت ئۆتەيدىغان بىر نەپەر ئامېرىكا پۇقراسى يېقىندا يوقاپ كەتكەن.

بۇ ۋەقە، ئامېرىكا دائىرىلىرى بۇ ھەربىي بازا ھەققىنى ئىجارىگە ئېلىش ھەققى توغرىسىدا قىرغىزىستاننىڭ تەلىپىگە قوشۇلۇپ بىر نەچچە ھەپتىدىن كېيىنلا يۈز بەردى. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خادىم سەيشەنبە كۈنى ماناس بازىسىدىكى باشقا خىزمەتداشلىرى بىلەن بازا رغاچىققان ۋاقتىدا يوقاپ كەتكەن.

ئامېرىكا دائىرىلىرى گەرچە بۇ خادىمنىڭ سالاھىيىتىنى ئېلان قىلمىسىمۇ، لېكىن ماناستىكى ھەربىي خادىملار ئاق تەنلىك بىر ئايالنى ئىزدەشكە باشلىغان. قىرغىزىستاندا ئۆتكەن يىلى سابىق پرېزىدېنت ئەسقەر ئاقايېفنى ئاغدۇرۇش يولىدا زوراۋانلىق نامايىشى يۈز بەرگەندىن بۇيان، پۈتۈن قىرغىزىستاننى مۇقىمسىزلىق قاپلىدى.

قىرغىزىستان دائىرىلىرى ئامېرىكا بىلەن ماناستا تۇرۇشلۇق ھەربىي بازىسىغا قويىدىغان ئىجارە ھەققىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مەسىلىسىدە خېلى تالاش-تارتىش قىلىشقان ھەتتا ئەگەر ئامېرىكا قىرغىزىستاننىڭ تەلىپىگە قوشۇلمىسا، ئۇ ھالدا قىرغىزىستاننىڭ ماناستىكى بۇ ئامېرىكا بازىسىنى تاقىۋېتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. (پەرىدە)