بېشكەكتىكى ئامېرىكا باش ئەلچىلىكى دۈشەنبە كۈنى قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قىرغىز پۇقراسىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن ئامېرىكا ئەسكىرىنى قىرغىزىستان قانۇنلىرىغا ئاساسەن سوتلاش تەلىپىنى رەت قىلدى.
ئامېرىكا باش ئەلچىخانىسى بىر بايانات ئېلان قىلىپ، 2001- يىلى ئامېرىكا بىلەن قىرغىزىستان ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىمدە ئىككى دۆلەتنىڭ قىرغىزىستاندىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئامېرىكا قانۇنلىرىنىڭ كاپالىتى ئاسىتدا بولىدىغانلىقى توغرىسىدا كېلىشكەنلىكىنى بىلدۈردى. لېكىن باياناتتا، قىرغىز ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئامېرىكا ئەسكىرىدىن سورايدىغان سۇئاللىرىنى ئالدىن ئامېرىكا خادىملىرىغا سۇنالايدىغانلىقى ھەمدە ئامېرىكا خادىملىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىدىغان تەكشۈرۈشكە قاتنىشالايدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
بېشكەك ئەتراپىغا جايلاشقان ماناس ئايرودرومىدىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، 6 - دېكابىر كۈنى يۈز بەرگەن ۋەقەدە ئامېرىكا ئەسكىرى كاماز شوپۇرى تەرىپىدىن تەھدىت قىلىنغاندىن كېيىن، ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن ئۇنى ئۆلتۈرگەن. باياناتتا، ئامېرىكا ھەربىي تۈزۈم ۋە ئەدلىيە بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، كېرەكلىك تەدبىرلەر ئېلىندىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئامېرىكىدىن ئامېرىكىلىق ئەسكەرنىڭ قىرغىزىستان قانۇنلىرىغا ئاساسەن جاۋابكارلىققا تارتىلىشىغا يول قويۇشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
قىرغىزىستان پارلامېنتى جۈمە كۈنى، ماناستىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسى خادىملىرىنى قىرغىز دائىرىلىرىنىڭ ۋەقە ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا رۇخسەت بەرمىدى دەپ ئەيىبلەپ، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىدىن ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنىڭ پائالىيىتىنى قايتىدىن كۆزدىن كۆچۈرۈشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. (قانات)