ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنى زىيارەت قىلىۋاتقان خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ساۋ گۇاڭچۈەن، جۈمە كۈنى ئاستانىدا قازاقىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مۇقتار ئالتۇنبايېۋ بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتاي - قازاقىستان ھەربىي مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ساۋ گۇاڭچۈەن خىتاي - قازاقىستان مۇناسىۋەتلىرى يېڭى بىر باسقۇچقا قەدەم قويدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئالتۇن بايېۋ، قازاقىستاننىڭ ئاتلامىش "ئۈچ خىل كۈچلەر" گە قارشى خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي دائىرلىرى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىلچىلىرى، بېيجىڭ بىلەن ئوخشىمىغان پىكىردىكى ئۇيغۇر سىياسى ۋە دىنىي زاتلىرىنى "ئۈچ خىل كۈچلەر"، دەپ باستۇرماقتا.
ساۋ گۇئاڭچۈئەننىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي بىلەن قازاقىستان بىلەن ھەربىي مۇناسىۋەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىكەن.
ئانالىزچىلار، خىتاي - قازاقىستان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كېلەچىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋەزىيىتىگە پەۋقۇللادە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. خىتاينىڭ قازاقىستان بىلەن ھەربىي ۋە ھەر قايسى ساھەلەردىكى مۇناسۋىتىنى كۈچەيتىشكە ئىنتىلىشىدىكى سەۋەبلەر، شەرقىي تۈركىستان ھەرىكىتىنىڭ رايوندا تەكرار كۈچىيىشىنى توساشتۇر.
قازاقىستان بۇ يىل 7- ئايدا خىتاي ۋە رۇسىيە بىلەن بىرگە ئامېرىكىنىڭ قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستاندىكى قوشۇنلىرىنى ئېلىپ چىپ كېتىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. (ئەركىن)