ئۆزبېكىستان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەربىي خىراجىتى ئەڭ كۆپ دۆلەت

قىرغىزىستاننىڭ دۆلەتلىك "قابار" ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، ئۆزبېكىستاننىڭ دۆلەت مۇداپىئەسىگە ئىشلىتىدىغان ھەربىي خىراجىتى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا مەملىكەتلەردىن زور دەرىجىدە كۆپ ئىكەن.

قابارنىڭ مەلۇماتىدىن قارىغاندا، 2005-يىلى قازاقىستاننىڭ ھەربىي چىقىمى 448 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان بولسا، ئۆزبېكىستاننىڭ 764 مىليون دوللارغا يەتكەن. 2006-يىلى ئۇنىڭ ھەربىي خىراجىتىنىڭ 802 مىليون دوللارغىچە بولۇشى پەرەز قىلىنماقتا ئىكەن.

ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ 2005-يىللىق ھەربىي خىراجىتىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 1مىليارد 336 مىڭ دوللار بولغان، بۇ يىل 1مىليارد 570 مىڭدىن ئېشىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئۆزبېكىستان ھازىر دۆلەت خامچوتىنىڭ 5.2%نى، قازاقىستان 1.01 %نى ھەربىي خىراجەتكە ئىشلىتىدۇ. شۇنداق بولغاندا، ئۆزبېكىستان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت ئىچىدە ھەربىي خىراجەتكە ئەڭ كۆپ پۇل چىقىرىدىغان مەملىكەت بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 1999-يىلىدىكى ئىچكى ئۇرۇشتىن كېيىن ئىسلام كەرىموپ ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئارمىيىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، ئۆزبېكىستاننىڭ ھاۋا ، قۇرۇقلۇق قىسىملىرى باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىگە نىسبەتەن كۈچلۈك ھېسابلىنىدۇ. ئۆزبېكىستان قوراللىق كۈچلىرىنىڭ 1999-2000-يىللىرىدىكى ۋەقەلەردە ۋە ئۆتكەن يىلدىكى ئەنجان ۋەقەسىدە ئىسلام كەرىموپنىڭ بۇيرۇقىنى ياخشى ئورۇنلىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. (ئۈمىدۋار)