قىرغىزىستان: ئوتتۇرا ئاسىيادا ھىزبۇل تەقرىرىچىلەرنىڭ سانى 10 مىڭغا يېتىدۇ


2004.12.03

قىرغىزىستان دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى بېگېجان ئاقمەدوف، ئوتتۇرا ئاسىيادا ھىزبۇل تەقرىر پارتىيىسىنى قوللايدىغان كىشىلەرنىڭ سانى 10 مىڭغا يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىنتېر فاكس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بېگېجان ئاقمەدوفنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، قىرغىزىستاننىڭ ئۆزىدىكى ھىزبۇل تەقرىرچىلەرنىڭ سانى 3 مىڭغا يېتىدىكەن. بېگېجان ئەقمەدوف، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ قوللىغۇچىلىرىغا قورال ئىشلىتىش، پارتلىتىش تېخنىكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەربىي تەلىم تەربىيە ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، ھىزبۇل تەقرىر پارتىيىسىنىڭ قوللىغۇچىلىرى يۇقىرىقى ۋاستىلار بىلەن قىرغىزىستاندا ئىسلام دۆلىتى قۇرۇشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئاقمەدوف، مەزكۇر پارتىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدىكى ياشلار ئارىسىدا كېڭىيىۋاتقانلىقىنى، ھىزبۇل تەقرىرچىلەرنىڭ مالىيە مەنبەسى ئاساسلىقى چەتئەلدىن كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. بىراق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھىزبۇل تەقرىر پارتىيىسىنىڭ تەشكىلى قۇرۇلمىسى ھازىرغا قەدەر تاشقىي دۇنياغا ئېنىق بولغان مەسىلە ئەمەس. ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى مەزكۇر پارتىيىنى تېررورچىلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشپ كەلگەن بولسىمۇ بىراق، ھىزبۇل تەقرىرچىلەر ئىسلام دۆلىتى قۇرۇش يولىدىكى پىلانىنى تىنچ ۋە قانۇنى يول بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ كەلدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.