قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرى «ئىلھام مۇكاپاتى» نى تارقاتتى


2008.01.23

22 ‏- يانۋار كۈنى ئالماتادىكى مۇختار ئەۋىزوف نامىدىكى تىياتىرخانىدا دىلمۇرات قوزىيوف باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرى كولۇبى تەشكىللىگەن «ئىلھام مۇكاپاتى» نى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى . چەتئەل ئەلچىلىرى ۋە دۆلەت ئەرباپلىرى قاتناشقان مەزكۇر پائالىيەتتە مەدەنىيەت سىپىدىكى جۈملىدىن ئەدەبىيات ، سەنئەت ، تىنچلىق قاتارلىق ساھەلەردە مول نەتىجە ياراتقان تۆھپىكارلار مۇكاپاتلاندى.

تۆۋەندە ئالماتادىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللا «ئىلھام مۇكاپاتى» تارقىتىش يىغىنى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بېرىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.