0:00 / 0:00
22 - يانۋار كۈنى ئالماتادىكى مۇختار ئەۋىزوف نامىدىكى تىياتىرخانىدا دىلمۇرات قوزىيوف باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرى كولۇبى تەشكىللىگەن «ئىلھام مۇكاپاتى» نى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى . چەتئەل ئەلچىلىرى ۋە دۆلەت ئەرباپلىرى قاتناشقان مەزكۇر پائالىيەتتە مەدەنىيەت سىپىدىكى جۈملىدىن ئەدەبىيات ، سەنئەت ، تىنچلىق قاتارلىق ساھەلەردە مول نەتىجە ياراتقان تۆھپىكارلار مۇكاپاتلاندى.
تۆۋەندە ئالماتادىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللا «ئىلھام مۇكاپاتى» تارقىتىش يىغىنى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بېرىدۇ.
