كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۆزبېكىستانغا ئىمبارگو قويۇشنى تەلەپ قىلدى


2005.09.19

دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزۈتۈش تەشكىلاتى، ئۆزبېكىستان دائىرىلىرىنى ئەنجان ۋەقەسىنىڭ ھەقىقى ئەھۋالىنى يوشۇرۇش بىلەن تەنقىدلەپ، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئۆزبېكىستانغا ئىمبارگو قويۇشقا چاقىردى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزۈتۈش تەشكىلاتى، ۋاشىنگتون بىلەن بريۇسسېلنىڭ ئۆزبېكىستانغا قورال - ياراق ئىمبارگوسى، يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆزبېك ئەمەلدارلارغا ۋىزا ۋە سودا ئىمبارگوسى قويۇشىنى تەلەپ قىلدى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، كېرومىف ھۆكۈمىتىنى ئەنجان ۋەقەسىگە دائىر پاكىت ۋە ماتىرياللارنى ۋەيران قىلىش، پۇقرالارنىڭ مۇخبىرلارغا ۋەقە توغرىسىدا مەلۇمات بېرىشىگە توسالغۇ بولماقتا، دەپ ئەيىپلىدى.

كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئۆزبېكىستان ئىشلىرى بويىچە مەسئۇلى مەيسىي ۋېيچىردىڭ، "ھۆكۈمەت ئەنجاندا يۈز بەرگەن ۋەقەنىڭ ھەقىقى ئەھۋالىنى يوشۇرماقتا،" دەيدۇ.

ئۆزبېكىستان تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئەنجان ۋەقەسىگە يىتەكچىلىك قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن تۇنجى تۈركۈمدىكى 15 كىشىنىڭ سوتى سەيشەنبە كۈنى باشلىنىدۇ. دائىرىلەر بۇ كىشىلەرنى ئەنجان ۋەقەسىنى ئۇيۇشتۇرۇش، قان تۆكۈلۈشكە سەۋەبچى بولۇش، خەلقئارا غۇل-غۇلا پەيدا قىلىش بىلەن ئەيىبلەيدىكەن.

پرېزىدېنت كېرىموف، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەنجان ۋەقەسى ئۈستىدىن تەرەپسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش توغرىسىدىكى تەلىپىنى رەت قىلغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.