قازاقىستان ئېنتېرنېت كونتروللىقىنى كۈچەيتىش پىلانىنى يولغا قويدى


2006.07.06

رويېترىس ئاگېنتلىقىنىڭ 6 ‏- ئىيۇل كۈنى بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، قازاقىستان دائىرىلىرى، غەرب ئەللىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدى ۋە بېسىمىغا قارىماي، ئېنتېرنېت ئۇچۇرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى كونترول قىلىدىغان بىر قانۇن لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ھەتتا تېلېۋىزىيە مۇخبىرلىرىنىڭ ئەركىنلىكىنى بوغۇشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزكۈر قانۇن لايىھىسى، مۇشۇ ھەپتە رەسمىي يولغا قويۇلدى. بىراق مەزكۈر لايىھە قازاقىستاندا كىشىلەرنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىدى.

قازاقىستاننىڭ ۋىرىميا گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ، بۇ ھەقتە توختالغان قازاقىستان ئاخبارات مىنىستىرى يارمۇھاممەت يېرتىسبايېف": بىزنىڭ مەقسىتىمىز پەقەت ، قازاق ئېنتېرنېت تور بەتلىرىدىكى پاسكىنىچىلىقلارنى تازىلاشتىن ئىبارەت " دەپ تەكىتلىگەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، قازاقىستاندىكى zonakz.net قاتارلىق تور بەتلىرىدە نۇر سۇلتان نازاربايېفنىڭ سىياسىتىنى تەنقىد قىلىدىغان ماقالە ۋە ئوبزورلار ئېلان قىلىنغان بولۇپ، قازاقىستان دائىرىلىرى بۇ خىل تور بەتلەرنىڭ داۋاملىق مەۋجۈت بولۇپ تۇرۇشىنى خالىمىغانلىقى ئۈچۈن، مەزكۈر قانۇن لايىھىسىنى يولغا قويغان.

قازاقىستاندىكى 15 مىليون نوپۇسنىڭ 4 مىليونغا يېىقنى ئېنتېرنېت مەيدانىغا كىرىدۇ. شۇنداقلا تورغا كىرىدىغان قازاق ياشلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ھۆكۈمەتكە قارشى ئۆكتىچىلەرنى قوللايدۇ ۋە ئۇلارغا ھېسداشلىق بىلدۈرىدۇ. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.